تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭدا كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى

ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى بولغان قوناق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى

شىنجاڭدا كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتقان، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش سۈرئىتى %80كە يېقىنلاشقان، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش خۇش خەۋەرلىرى ئۈزۈلمىگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئاشلىق، پاختىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى بولغان قوناق ئىشلەپچىقىرىشىدا تۈرلۈك يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى. 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھوسۇل مىقدارىنى ئۆلچىشى نەتىجىسىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى قوناق تېرىلغان 2 مىليون مو توننىلىق ئاشلىق ئېتىزىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو، 100 مىڭ مو، 1 مىليون مو يەردىكى قوناقنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت يېڭىلانغانلىقى مەلۇم بولغان. 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىمالىي شىنجاڭدىكى بالدۇر پىشار، ئارا پىشار قوناق ئىشلەپچىقىرىشىدىنمۇ خۇش خەۋەر كەلدى، قابا ناھىيەسى كۆلباي بازىرى ئۇچتۆبە كەنتىنىڭ «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» «1000 مو يەردە بەرپا قىلىش» «10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش» بويىچە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇل ئۆلچەنگەندىن كېيىن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىچە مو بېشىغا 1551.54 كىلوگىرام، 1506.09 كىلوگىرام، 1405.78 كىلوگىراملىق ھوسۇل مىقدارى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالدۇر پىشار، ئارا پىشار قوناقنىڭ 100 مو، 1000 مو ۋە 10 مىڭ مو يەردىكى كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت يېڭىلاندى.

بۇ بىر قاتار بىرلىك ھوسۇل رېكورتى شىنجاڭنىڭ ئامىل تىرىكى ئارقىلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىشتا چىڭ تۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تىرەك قىلىپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە زىچ تېرىشنى ئاساسىي كېڭەيتىش تېخنىكىسى قىلىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى. ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىندى، %80تىن كۆپرەك بۇغداي، قوناق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا تېرىلدى، بۇغداي، قوناق قاتارلىقلار بويىچە ئەلا سورتلارنىڭ قاپلاش نىسبىتى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ قوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ياڭ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ھەرقايسى جايلار 100 مولۇق ئېتىز، 1000 مولۇق ئېتىز، 10 مىڭ مولۇق ئېتىز قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە دائىملىق تېخنىكىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا توپلاشتۇرۇشنى تۇتۇش، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تۇتۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلار تەجرىبە ئېتىزى ھوسۇلىنى چوڭ ئېتىز ھوسۇلىغا ئۆزگەرتمەكتە.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، ئومۇمىي ھوسۇل مىقدارى 6 مىليون 840 مىڭ توننا بولدى، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى، ئېشىش سۈرئىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى. بۇ يىللىق كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈم قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.