تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

72 ياشلىق ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغان 76 ئائىلىلىك «بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى چاڭشېڭشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەلى قېيۇمنىڭ ئۆيى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، ئۇ ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئۆزى سالغان ئۆيلەرنىڭ ئىگىسى 72 ياشلىق ئەلى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان 76 ئائىلىلىك ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى.

2010 - يىلى، ئەلى تۇرۇشلۇق كەنتتە «كەنت ئاھالىلىرىنى مەھەللە ئاھالىلىرىگە ئۆزگەرتىش» يولغا قويۇلدى، ئۇ 30 نەچچە يىل ئۇزۇن يوللۇق تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۆزى يىغقان پۇلغا كەنت كوللېكتىپى كېپىل بولغان قەرز پۇلنى قوشۇپ بىر بىنا سېلىپ ئىجارىگە بەردى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىككىنچى بىنانى سالدى.

«ئەلى ئاكامنىڭ ئۆيى پۈتۈشىگىلا مەن كۆچۈپ كەلگەن، مەن بۇ بىنادا ئەڭ ئۇزاق تۇرغان ئۆي ئىجارە ئالغۇچى.» ئىلگىرىكى ئىشلار تىلغا ئېلىنسا، شەنشىلىك جاڭ كەيشۆنىڭ ئېغىزى يۇمۇلمايلا قالىدۇ. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىسىنى ئېلىپ شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلدى، قىزى يەنە ئاغرىقچان بولۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى.

جاڭ كەيشۆ دەسلەپتە ئەلىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانىدى، «يېزا نوپۇسىنى ئاھالە نوپۇسىغا ئۆزگەرتىش» باشلانغاندىن كېيىن، ئەلىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كېتىپ، بىر مەھەل ئۇنىڭغا تۇرىدىغان جاي چىقمىدى. بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئەلى ئائىلىسىنىڭ ئۆزى سالغان ئۆيى پۈتتى، ئەلى تىراكتورنى ھەيدەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى كۆچۈپ بېرىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«ئائىلەمنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەلى ئاكام مەندىن ئۆي ئىجارىسىنى قەتئىي ئالمىدى. ئۇ ئۆي ئىگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ تۇغقىنىم.» ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە جاڭ كەيشۆ ئۆرۈلۈپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، «ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى، مەن بۇ مېھىر - شەپقەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن».

ئەلى چىداۋەن كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، بۇ، ئۇ ئىزچىل ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش ئىدى. ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان جەي خۇەييۈەننىڭ كىتاب يېزىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەلى كۆپ يىللاردىن بۇيان جەي خۇەييۈەننىڭ تۇرمۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مەن سۇ، توك پۇلى تاپشۇرمىغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭغا بەرسەممۇ ئالمايدۇ. مەن دائىم <ھېسابلىق دوست ئايرىلماس> دېسەم، ئۇ كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمايدۇ.» جەي خۇەييۈەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇنلا بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتۇق، مېنىڭمۇ بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق».

«ئەلى ئاكام بىز ئۆي ئىجارە ئالغانلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوچۇق بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆز ئۆيىگە كىرگەندەك كىرىپ چىقىدۇ» دېدى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى روشەنگۈل مەمەت.

ئەلىنىڭ تەسىرىدە، ھويلىدىمۇ ئۆزئارا ياردەم قىلىش كەيپىياتى تەدرىجىي شەكىللەندى. جاڭ كەيشۆ ۋاقىت چىقىرىپ كارىدورنى ئاقارتىپ يېپيېڭى قىلىۋەتتى؛ ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ۋېي شىلۇ خالىس رېمونتچىغا ئايلاندى، كىمنىڭ ئۆيىدە ئىش بولسا، ئۇ جابدۇق سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا ئۆيىگە كىرەتتى؛ بالىلارمۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەرىكىتى قولايسىز يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلاتتى... قوشنىلار ئارىسىدا ئۆزئارا ياردەملىشىش، ھەمدەم بولۇش ئادەتكە ئايلاندى.

«سىرتتا يۈرگەندە، ئۆينى سېغىنماي قالمايمىز. ھەر قېتىملىق بايرامدا، ئەلى ئاكام چوڭ قازاندا مەززىلىك پولۇ ئېتىپ، بىزنى قايتىپ كېلىپ بىللە يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئاشۇ بىر قاچا ئىسسىق تاماقنى قولىمىزغا ئالغاندا، كۆڭلىمىز بىردىنلا ئىللىقلىققا تولىدۇ» دېدى جەي خۇەييۈەن ھاياجانلانغان ھالدا.

«سىرتلاردا يۈرگەندە، كىم قىيىنچىلىققا يولۇقمايدۇ؟ قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن.» ئەلى دائىم مۇنداق دەيدۇ: بىر ھويلىدا تۇرۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق، شۇڭا ئۆزئارا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.