□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدىكى مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر تەقدىرلەندى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دەپ تەكىتلىدى. بولۇپمۇ يېقىندا، باش شۇجى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادى ئوخشاش بولۇش ئىدىيەۋى ئاساسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، قان - قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇش گېنىغا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىندى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش يىلتىزى بارغانسېرى پۇختا مۇستەھكەملەندى، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش ھېسسىيات رىشتى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشنىڭ ماددىي ئاساسى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
ئىتتىپاقلىق − كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتناشتۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
«ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ». يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە نەمۇنىچىلار ۋە ئۈلگىلەردىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.






