10 ـ ئاي كىرىشى بىلەن، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى گۇما بازىرىنىڭ كىچىك قىيا كەنتى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات «يەر ئاستى مول ھوسۇل پەسلى»نى كۈتۈۋالدى __ يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان توشقانزەدىكى ئارقا ـ ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار بەس - بەستە گۈرجەك بىلەن كولاشقا باشلىدى. 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە، گۇما بازىرى ئارايار كەنتىدىكى بەكرى ئۆمەر ئائىلىسىدىكى يەتتە - سەككىز جان 5200 مو يۇلغۇن بازىسىغا تارقىلىپ، قۇملارنى ئېچىپ، چۆنەكلەرنى كولاپ، تال - تال سېرىق رەڭلىك «قۇملۇق ئادەمگىياھى»نى تۇپراقنىڭ خۇش ھىدى بىلەن قوشۇپ خالتىلارغا سالدى.
«بۇ يىل نەملىك ئەھۋالى ياخشى، مو بېشى مەھسۇلاتى 180 كىلوگىرامغا يېتىشى مۇمكىن، يېڭىلىرىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئېتىز بېشىدىكى باھاسى 28 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن يەنە ئۈچ يۈەن ئۆستى.» بەكرى ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگىرام كېلىدىغان توشقانزەدىكىنى كۆتۈرۈپ مۇخبىرغا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ يوغان گۆشلۈك غولىدا زىچ تەڭگىچىلەر بار ئىدى. «تەخمىنەن ھېسابلىغاندا، ساپ كىرىمنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدا گەپ يوق، بۇلتۇرقىدىن 100 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.»

گۇما ناھىيەسى 2021 ـ يىلىدىن باشلاپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇلغۇن ـ توشقانزەدىكى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇردى. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ـ ئوتلاق ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ناھىيە بويىچە جەمئىي 18 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان بولۇپ، 173 ئائىلە تېرىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي ھوسۇل 3060 توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 21 مىليون 420 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، 180 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، پەسىل خاراكتېرلىك 1800دىن ئارتۇق ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 7000 يۈەندىن ئاشۇرىدىكەن.
توشقانزەدىكى يۇلغۇن يىلتىزىدا ئۆسىدۇ، بىر قېتىم ئۇلىغاندا ئۇدا 7 ~ 5 يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بەكرى ئائىلىسىنىڭ بازىسىدا يىل بويى 26 ئادەم مۇقىم ئىشلەيدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق مائاشى 4500 يۈەن؛ ئۇلار كولاشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يەنە 30 ۋاقىتلىق ئىشلىگۈچى ياللىسا، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاشى 150 يۈەن بولىدۇ، بارلىق كولاش مەزگىلىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ.
ئىشلىگۈچى (روزىمەمەت تۇردىباقى) توشقانزەدىكىنى خالتىغا قاچىلىغاچ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە بەش يىل ئىشلىدىم، يېڭى ئۆي سېلىپ بولدۇم، بۇ يىل يەنە كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ توشۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ تەييارلىق قىلىۋاتىمەن».
گۇما ناھىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، كۈنىگە 30 توننا قۇرۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى ھەم دورا كارخانىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك زاكاز توختامى ئىمزالاپ، يېڭى مال، قۇرۇتۇلغان دورا، يالپاقلاش، چاي قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. «گۇما يۇلغۇن توشقانزەدىكى» دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپات تاۋار ماركىسى بولۇپ تەستىقلىنىپ، ماركا قىممىتى تېز ئاشتى.
«بىز يەنە 20 مىڭ مو يەرنى كېڭەيتىپ، چۆللۈكنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان <يېشىل بانكا>غا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدۇق.» ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىدىن ھەبىبۇللا غوجىمەمەت شۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە يەنە سۆكسۆك، توشقانزەدىكى، قارا ئالقات قاتارلىق قۇملۇقتا ئۆسىدىغان زىرائەتلەرنى سىناق قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىمىز.
كەچكى شەپەق نۇرىدا توشقانزەدىكى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى قۇملۇقتىن ئاستا ـ ئاستا چىقىۋاتاتتى، چاڭ ـ توزان كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، سالا-سالا يۇلغۇنلار يەنىلا كۆچمە قۇمنى چىڭ قاماللاپ تۇرغان بولۇپ، گويا ئاممىنىڭ بەختىنىمۇ مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانىدى. (مۇخبىر: ئەزىز مەخمۇت)






