تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 118 مىڭ مو كېۋەز مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، كۈزلۈك يىغىمنىڭ «بېيىش ساداسى» ياڭرىدى

  مەنبەسى: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   ھازىر، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا ـ بازارلىرىدا تېرىلغان كېۋەزلەر مول ھوسۇل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، قاردەك ئاپئاق، راسا ئېچىلغان پاختىلار غوزەكلىرىگە پاتماي قالغان بولۇپ، ئېتىز ـ ئېرىقنىڭ ھەممە يېرىدە «مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار» دېگەن خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

   10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىدىكى چياڭدۇ چىلانچىلىقى كېۋەز ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، پاختا يىغىش ماشىنىسى ئېتىزدا ئۇياق ـ بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئاپئاق پاختىلار تېز سۈرئەتتە يىغىۋېلىنىپ، تايلىناتتى.

   «بازىمىز بۇ يىل 14 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىدى، مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگىرام ئەتراپىدا. 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ پاختا يىغىش باشلانغان، بۈگۈن بەش ماشىنا ئوخشاش بولمىغان ئېتىزلاردا پاختا يىغىۋاتىدۇ، بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى بىر كۈندە 180 مو يەردىكى پاختىنى يىغالايدۇ، تەخمىنەن 20 كۈن ئەتراپىدا پۈتۈنلەي يىغىپ بولغىلى بولىدۇ، يىغىش نىسبىتى %95 ئەتراپىدا. بۇ يىل غوزىلار يوغان ھەم توق چۈشۈپتۇ، بۇنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇق، ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 2600 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» چياڭدۇ چىلانچىلىقى 2 ـ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى چېن شىڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پاختىنىڭ ئوڭۇشلۇق يىغىۋېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بازا يەنە ماي قاچىلاش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماي قاچىلاش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم دەم ئېلىش، ماشىنا دەم ئالماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي مەشغۇلات قىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پاختا يىغىش خىزمىتىنى تاماملاشقا تىرىشىۋېتىپتۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق ۋە ئىلمىي پەرۋىشكە تايىنىپ، تېخنىكلارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش - تۈزىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، كېۋەز تۈپلىرىنىڭ ئوبدان غوزا تۇتۇشىغا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلدى. كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىلگىرىكى ئادەم كۈچى ئۇسۇلىدا تېرىلغاندىكى 300 ـ 250 كىلوگىرامدىن ھازىر 500 ـ 400 كىلوگىرامدىن ئېشىشقا ئۆرلەپ، كۆرۈنەرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە پايدا دېھقانلارنىڭ «ھەميىنى»نى بارغانسېرى تومپايتتى.

   «ناھىيە بويىچە بۇ يىل جەمئىي 118 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىدۇق، پاختا يىغىۋېلىشنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ۋە كېيىنكى سېتىش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلىشىپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق. دېھقانلار پاختىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، پاختىنى بىۋاسىتە پاختا زاۋۇتىغا ئاپىرىپ ساتسا بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئازايتىپ، پايدىنى بىۋاسىتە دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.» چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇ يۇڭخۇڭ شۇنداق دېدى.

   چاقىلىق ناھىيەسى تېخنىكا يېڭىلاش ۋە ئەندىزە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنىڭ «كونا قىياپىتىنى يېڭىلاپ»، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، بۇ، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى پۇختا قەدىمى بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كەسىپلەر گۈللەنگەن مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى.

(چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خېي جېڭرۇڭ، پىراكتىكانت ئەنقەرجان يۈسۈپ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.