تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 10-ئايدىكى پاختا ھوسۇلى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئايدىكى شىنجاڭدا، كېۋەزلىك قاردەك ئاپئاق تۈسكە كىرگەنىدى. پاختىنىڭ ئاسان ئوت ئېلىش ئالاھىدىلىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان جان تومۇرىغا ئايلاندۇرغانىدى. ھوسۇل يىغىش بىلەن پىششىقلاش تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى «پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش» مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

  10-ئاينىڭ 14-كۈنى، شايار ناھىيەسى تەۋەلىكتىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پاختىغا ئالاقىدار 35 نۇقتىلىق كارخانىنىڭ مىكرو ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن 100گە يېقىن خىزمەتچى قاتناشتى. ۋاڭ يۈ فوتوسى

  يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ئۆلچەملىك ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى تەۋەلىكىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارغا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە پۈتۈن جەرياننى باشقۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم شۇ جايدىكى ئالاقىدار كارخانا خىزمەتچىلىرىنى ماس قەدەمدە كۆرۈپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

   «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەك مۇھىم، ئازراقلا ئوت ئۇچقۇنى بولسىلا پاختىنىڭ ھەممىسىگە ئوت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيۈش سۈرىتى ئىنتايىن تېز. بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كارخانىلارغا كىرىپ، ئاسان ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدىغان ھەر بىر ھالقا توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى، لېكسىيە ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.» پاختىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پەن چىڭيۇەن بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ھەمدە خىزمەتچىلەرنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەپ ۋە ئوت مۇداپىئەسى بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكتە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى تەۋەلىكىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوت مۇداپىئە  بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى نەق مەيداندا چۈشەندۈرمەكتە. زۇلپىيە فوتوسى

  بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تەربىيەلىگەندىن سىرت، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى يەنە ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش شەكلىدە مۇسابىقە ئارقىلىق مەشىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مىكرو ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شۇ كۈنى، شايار ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، قولدا كۆتۈرۈلىدىغان ماتورلۇق پومپا ئارقىلىق سۇ چىقىرىش مەشغۇلاتى قىلىش، ئىككى ئادەم بەش ئورام سۇ تاسمىسىنى ئۇلاشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ماھارەت مەشغۇلاتى مۇسابىقە تۈرىنى تەسىس قىلدى، 35 پاختىغا ئالاقىدار نۇقتىلىق كارخانىنىڭ مىكرو ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىكى 100گە يېقىن خىزمەتچى خادىم قاتناشتى.

  «مۇسابىقىدە مەشغۇلات ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى ھەم كوللىكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردۇق» دېدى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر ۋۇ جېڭرۇي.

  ھەرقايسى جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەن تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، كۈيتۈن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى توردا تەشۋىق قىلىش، تور سىرتىدا كۆرەك قىلىش پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇردى، تەۋەلىكىدىكى پاختىغا ئالاقىدار 50 كارخانىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلى ۋە بىخەتەرلىكنى باشقۇرغۇچى قاتنىشىپ، نۇقتىلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى يېقىنقى مەزگىلدە يۈزبەرگەن پاختىغا ئالاقىدار تىپىك ئوت ئاپىتى مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر يولى كونىراش، چاڭ-توزانلارنى ۋاقتىدا تازىلانماسلىق قاتارلىق ئوت كېتىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە چارلاش مۇھىم نۇقتىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى مانۋېر قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى يەنە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ ، «يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش» ئارقىلىق پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلىدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈشتە، ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرۈش + ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ تەكشۈرۈش + ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. «مەخسۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يوشۇرۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالدۇق» بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى تەرەققىيات رايونى چوڭ ئەترىتىدىكى ئوت مۇداپىئە نازارەتچىسى لياڭ شياۋيۈ: پاختىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇلازىمەت- يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ھەم كارخانىلارنىڭ تېزدىن تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىمىز، دېدى.

  «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.