تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈللىرى تىيانشاندا پورەكلەپ ئېچىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدە، ئۇزۇنلۇقى 6.05 مېتىر، كەڭلىكى 2.4 مېتىر كېلىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر پارچە سۈرەت كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى. سۈرەتتە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلاردىن 81 كىشى رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

دەل بۇ ئوپچە سۈرەتكە ئوخشاش، بۈگۈنكى شىنجاڭدا، مەكتەپتە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە؛ مەھەللىدىكى يۈز ئائىلە زىياپىتىدە، ئاھالىلەر بىر جايدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى، خۇشال كۈلكە سادالىرىغا قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىللىق مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەنىدى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە خەلق ئۆرپ - ئادىتى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى... كۆپچىلىك بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق «ئاساسى»نى مۇستەھكەملەش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى» دەپ تەكىتلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە رېئال تەخىرسىزلىككە ئىگە. شىنجاڭدا، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى، تۈرتكە بولغۇچىلىرى بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

2024 - يىلى 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا دىققەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ شۇ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى، بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىش، ھەم «ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىشلارنى قىلىش كېرەك؛ ھەم «نۇقتا»نى تۇتۇش، ھەم «دائىرە»نى تۇتۇش كېرەك؛ ھەم «چوڭ»نى تۇتۇش، ھەم «كىچىك»نى تۇتۇش كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى: يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئالاقىدار قارار ئېلان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

شىنجاڭدا، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

مەدەنىيەت تومۇرىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش «روھ»ىنى تاۋلاش

2022 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ جېنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تەمىناتى سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.

2024 - يىلى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى قالتىس نامايان قىلىندى، ئاجايىپ چىرايلىق سەھنە بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» ناملىق ئۇسسۇلنى ئويناپ، دۇنياغا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ياشاپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىش جانلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى؛ «بازاردىكى خۇشاللىق» ناملىق كىنودا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئىككى ئائىلە، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇغا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلىش، چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ۋە جۇشقۇن جاسارىتىنى كۆرسەتتى؛ تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى شىنجاڭنى تونۇش، چۈشىنىش ئۈچۈن يېڭى كۆزنەك ئاچتى، ھەر مىللەت ئەدەبىيات ئىجادىيەتچىلىرى خاتىرىلىگەن دوستانە دەقىقىلەر ۋە قەلبداشلىق ھېكايىلىرى يېزىق ئارقىلىق تېخىمۇ يىراقلارغا تارقالدى... بۇ مول ئەمەلىيەتلەر، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كونكرېت كۈچەش نۇقتىسىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى جانلىق مەنزىرىلەر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

فۇجيەن شيامېندىن كەلگەن بىر فوتوگراف، جىمىسار ناھىيەسىدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا بىر ئاز سانلىق مىللەت كىچىك دوستتىن: «سىز قايسى مىللەتتىن» دەپ سورىغاندا كىچىك دوست تەبىئىيلا: «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ سەبىي ھەم سەمىمىي ئىپادىلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپنى باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېتىقاد ئاساسى، ئىدىيە ئاساسى، تىل ئاساسى، ھېسسىيات ئاساسى، مەدەنىيەت ئاساسى، ھەرىكەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئابستراكت شوئار بولماستىن، بەلكى ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ئەمەلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر كېلىدىغان كۈسەن تار كوچىسى ئۆزگەرتىلگەندە ھەم 100 يىللىق قەدىمىي دەرەخ ۋە قەدىمىي ئولتۇراق ئۆيلەر ساقلاپ قېلىندى ھەم ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئىلگىرىكى «پاتقاق كوچا» گۈزەل تار كوچىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرىگە كەلگەندىكى داكا جاي بولۇپ قالدى؛ شىنجاڭدىكى تۇنجى سەددىچىن سېپىلى باش تېمىسىدىكى مۇزېي بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەلىك يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى تۇرنى يادرو قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرۈنۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم كۆپ ۋاسىتىلىك پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى...

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىلەر سانسىزلىغان ساياھەتچىنىڭ «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا بولغان ئىنتىلىشىگە جاۋاب قايتۇرغاندا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يارقىن تەبەسسۇمى ئاددىي كۈنلەردىكى ئىللىقلىق ۋە باياشاتلىقنى جۇلالاندۇرغاندا، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يولنىڭ يېڭى تۈسى شانلىق سەھىپىسى ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ دەۋر سىمفونىيەسىنى پۈتۈپ چىققاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.

يۇغۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبداشلىق «كۈچى»نى مۇجەسسەملەش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلدى. تارىخىي تەجرىبىلەرمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەم ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم يول، تېخىمۇ مۇھىمى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پىلانى، ھەر مىللەت ئامما گىرەلەشمە تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ئۇل قۇرۇلۇش.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، چىرا ناھىيەسىدىكى كىچىك قىزچاق پاتىمەخان پەرھات مەكتەپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «قىزىل ئانار» شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يازلىق لاگېرىغا قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا كەلدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندە، ئۇ قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، بۇ دەقىقە ھاياجانلىق، شۇنداقلا بەختلىك دەقىقە ئىدى.

شىنجاڭدا، پاتىمەخانغا ئوخشاش بۇنداق بالىلار يەنە ناھايىتى كۆپ. شىنجاڭ «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، بىڭتۇەن - يەرلىك، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىللە ئۆگىنىش، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىش ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭدا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر قەدىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىقنى ۋاسىتە قىلىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش داۋامىدا ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان قۇۋۋەت قوشتى.

خوتەن ناھىيەسى بەيخې بازىرى داۋشياڭ كەنتىنىڭ شال ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق بولسىمۇ، لېكىن شالنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەنىدى، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىرلىكتە تۇپراقنى ياخشىلاپ، سۇنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلاپ، شال ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى... بۇ تونۇش بولغان ھەم ئىللىققا تولغان كۈندىلىك ئىشلار دەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىزاھاتى.

ئىتتىپاقلىقنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان بەختكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قەشقەر، خوتەن، قومۇل قاتارلىق جايلاردا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە خادىملارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ھەر خىل شەكىلدىكى خاس تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى. گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى مەنزىرىدە، گۈزەللىكى كىشىلەر قەلبىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان كەسىپ ھالىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى.

شىنجاڭ يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھەر قېتىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ھەرقايسى ئورۇنلار بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار دوستلۇق مېھرىنى ئورتاق ئىزھار قىلىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ.

قۇملۇق گىرۋىكىدە نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يېشىل توسۇق بەرپا قىلىندى، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، بەخت داۋاملاشتى، ئانارنىڭ دانىسىدەك قەلبداش بولۇپ يېڭى مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان 70 يىلنى ئەسلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى گۈزەل ئىستىقبالغا نەزەر سېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.