تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك​

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ جۇ قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاپ، مەركەزلىك تۈزەشتە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە دەل جايىدا بولۇشقا كۈچەش، چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىرىكلىكنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەسىلىلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەنپەئەتنى قوغدايدىغان ئادەم بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەلق رايى، خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى جاھىل ئىللەتلەرنى نىشانلىق تۈزەپ، «مەكتەپ تامىقى»، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك» ىنى باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم، مېخانىزم قاتلىمىدىن ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۈپتىن تۈزەش كېرەك. «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق جازالاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۈزەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دېلو بېجىرىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سوزۇلغان «قارا قول»نى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. دىققەتنى مەركەزلىك تۈزەش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەزلىك تۈزەش بىلەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەيمىنىشنى بىلىش، سەگەك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، فۇنكسىيەلىك تارماقلار ماسلىشىپ تۈرتكە بولىدىغان، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئاساسلىق تۇتۇپ ئاساسلىق جەڭ قىلىدىغان» ھەمتۈرتكە سىستېمىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، كېرىيە ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يازما سۆز تاپشۇردى.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.