
«بوۋا، سىلەر بۇ يىل 12 مىڭ يۈەنلىك بۇغداي سېتىپسىلەر، ئوغلىڭىز شەھەردە ئىشلەپ 36 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇ، بۇلارغا يەنە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ياردەم پۇلى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش ۋە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى قوشقاندا، پۈتۈن يىلدا ئائىلە ئومۇمىي كىرىمىڭلار 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىڭلار بۇلتۇرقىدىن %12 ئېشىپتۇ!». يېقىندا، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى قوشتۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ناماننىڭ ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى روزى قۇشنىزات ھېسابات جەدۋىلىنى ئېلىپ، بوۋايغا ياردەملىشىپ «كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى»نى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ بەردى، بوۋاي ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ: «ھېسابات قىلغانسېرى كۆڭلۈم يورۇپ كەتتى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى» دېدى.
ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىم-چىقىم تەپسىلىي ھىساباتىنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ھېسابات قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.
كىرىم ھېساباتى قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن ئالدىن پىلانلاپ، كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن 12 كىشىلىك ھېسابات قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ تۈرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە، «ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش + سانلىق مەلۇماتنى سېلىشتۇرۇش + ئامما ئېتىراپ قىلىش» شەكلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. كادىرلار ھەر بىر ئائىلىگە كىرگەندە تېرىقچىلىق كىرىمى، باقمىچىلىق كىرىمى، ئىشلىگەن ئىش ھەققى، سىياسەت ياردەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك كىرىملەرنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئالدىنقى يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ، ئېشىش-كېمىيىش ئۆزگىرىشىنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، نەق مەيداندا كەنت ئاھالىلىرىگە ھېسابات قىلىش ئۆلچىمى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى.
ھېسابات قىلىش جەريانىدا، كادىرلار «ھېسابات خاتىرىلىگۈچى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «سىرداش» بولدى. ياشانغان، تېنى ئاجىز، تىل ئالاقىسى راۋان بولمىغان قىسمەن كەنت ئاھالىلىرىگە خىزمەت ئەترىتى كادىرلارنى «بىرگە بىر» ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. ھەر بىر ئائىلىگە كىرگەندە كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر»نى دەپتىرىگە خاتىرىلەپ، قەلبىگە پۈكتى. قەلىبلەرنى ئىللىتىدىغان بۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن كەنت ئاھالىلىرى «كادىرلار يېنىمىزدا بولسىلا، غەمخورلۇق كۆز ئالدىمىزدا»نى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەن جىئەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم ھېسابات قىلىشتا، كادىرلار بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىر يەردە تەڭ ئولتۇرۇپ، بىر چەينەك ئىسسىق چاينى بىللە ئىچىپ، مۇڭدىشىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى.
نۆۋەتتە، قوشتۇر كەنتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ھېسابات قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سانلىق مەلۇماتلارنى جەملەش ۋە تەھلىل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشنى مۆلچەرلىگەن. كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتى ھېسابات قىلىش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىللىق كەسىپ تەرەققىيات پىلانىنى قاراتمىلىق تۈزۈپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تونۇشتۇرۇش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بويىچە يار-يۆلەك بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «بەخت ھېساباتى»نى «تەرەققىيات كۈچى»گە ئايلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىكەن.
(كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن مېيخۇي، تۇرسۇنئاي ئەخمەت)






