تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (3)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ سىبېي، ۋاڭ زىمىڭ

قورال - جابدۇقلىرى خىل جەڭگىۋار قوشۇننىڭ ھەيۋىسى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى، پاراتتىن ئۆتكەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەزمۇت قەدەم تاشلىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەيدىغان تەنتەنىلىك ۋە داغدۇغىلىق، ھەيۋەتلىك ۋە مەردانە، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئېتىقاد، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچتىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىكىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، پائالىيەتتىن ئۇرغۇپ چىققان ئىشەنچ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، كۆتۈرەڭگۈ روھتىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئېھتىياجلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى قىممەت يېتەكچىلىكىگە ئېھتىياجلىق.

جەمئىيەتتىكى ئىدىيەۋى قاراش ۋە قىممەت يۈزلىنىشى كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى قانداق مۇستەھكەملەش كېرەك؟

يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز ۋە زورايتىشىمىز كېرەك.

قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش

بۇ يىل 9 - ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى» بېسىپ تارقىتىلدى، بۇ، پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت توغرىسىدىكى بىرتۇتاش يېتەكچى خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تۇنجى ئاساسىي غوللۇق نىزام.

ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى توغرىسىدا «نىزام»دا: «ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى، «ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماركسىزم − بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ بايرىقى ۋە روھى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمنى بېكىتىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى بولغاندىلا، ئاندىن خاسلىقى بولىدۇ، كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

پارتىيە ئەزالىرىنى «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق قانۇنىيەتنى چۈشىنىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇسۇلنى ئۆگىنىش، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش»قا چاقىردى، ياش كادىرلارغا «ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش»نى تاپىلىدى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشكە، ئىدىيەۋى «روھ»نى مۇستەھكەملەشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلىدى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىشتىن ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىغا سىياسىي جەھەتتىن تىرەك بولۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكىچە، يەنە جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە... بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئىدېئولوگىيە ئاساسىي بازىسىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملىدى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئاز بولمىغان خىرىسلار مەۋجۇت.

ئالغا ئىگىرىلەش يولىدا، جەزمەن ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش

پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يادرولۇق قىممەت قارىشى ئىدېئولوگىيەدىكى ئەڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كۈچ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى يېزا - كەنتلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي بولۇش، كارخانىنىڭ سەمىمىي بولۇش، جەمئىيەتنىڭ سەمىمىي بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛ «ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى، «ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت يادرولۇق قىممەتكە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى...

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كۈنسېرى ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندى.

بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. 2014 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش داۋامىدا، پۈتۈن جەمئىيەتتە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھازىرقى زامان جۇڭگو روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى مۇجەسسەملىمەكتە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، غايە - ئېتىقادنى يادرو قىلغان مۇھىم پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەش، جۇڭگونىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«گۈزەل تاغ - دەريالىرىمىزنىڭ ئالىقانچىلىك يېرىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز!» 1937 - يىلىدىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي جىنايەت پاكىتلىرىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان «نەنجىڭ سۈرەتخانىسى» ناملىق كىنو بۇ يىللىق يازلىق تەتىللىك كىنو كۆرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى.

چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنغا، مول رەڭدارلىققا ئىگە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

«پىدائىي قىسىم: تىنچلىق ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش» «تار كوچىدىكى كىشىلەر» «تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغاندا» قاتارلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل مەيدان - سارايلار ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى... سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىگە بارغانسېرى سىڭىپ كىردى.

بۇ يىل 8 - ئايدا، «يېڭى دەۋر كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش» تېمىسىدىكى بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆپچىلىكنى ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەشكە، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.

بۇ، «يادرولۇق قىممەت قارىشىغا دائىر يۈز مەيدان لېكسىيە مۇنبىرى»نىڭ 161 - مەيدان پائالىيىتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ تېمىدىكى كۇرسلۇق پائالىيەتلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ كەڭ تارقىلىشى، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، ئۇنى ھاۋاغا ئوخشاش ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىختىيارسىز رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى قاتارلىق ھەرىكەت مىزانلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتى، ئومۇمىي خەلق تېجەشلىك بولۇش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى... جۇڭگو زېمىنىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۈك - باراقسانلاشماقتا، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.

ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتە، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش كېرەك.

تور ۋە تور سىرتىدىكى مەركەزداش چەمبەرلەرنى مۇجەسسەملەش

2024 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «جەزمەن پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە، روھىي جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك».

ھازىر، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختتىن ئىلىم - پەن شەھىرىگىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققىچە... 2025 - يىللىق «ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىدە، ئاخبارات سېپى دىققەتنى نۇقتىلىق رايون ۋە ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم چوڭقۇرلۇققا، ئىجادىيلىققا ئىگە يۇغۇرما خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا «ئىشەنچنى ئاشۇرۇش» ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر يەتكۈزۈش كېرەك.

«ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلايلى؛ ياشلىق ساداقىتى ئارقىلىق دەۋر مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقايلى!» 2025 - يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنىنىڭ ئاساسىي مۇنبىرىدە، ياشلار ۋەكىللىرى ياشلار تور مەدەنىيلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توردىكى گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ھازىر، دۆلىتىمىزدە تور ئەھلى كۆلىمى 1 مىليارد 100 مىليوندىن ئاشتى. تور بوشلۇقى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا ئايلاندى، شۇنداقلا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا ئايلىنىشى كېرەك.

دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى، «تورنى ساپلاشتۇرۇش» «تورنى تازىلاش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەر قانات يايدۇرۇلۈپ، تور ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈزىتىلدى... ئىجابىي، ساغلام بولغان، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتى كۈچەپ يېتىلدۈرۈلۈپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تور بوشلۇقى كۈندىن - كۈنگە قىممەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىنسانىي غەمخورلۇق، ھېسسىيات تەۋەلىكى بار بولغان گۈزەل مەنىۋى ماكانغا ئايلانماقتا.

«دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات دوكلاتى(2024 - يىل)»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك مەدەنىيەت قۇۋۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار نامايان بولۇپ، مەدەنىيەت ئاكتىپ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالغان.

مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشتىن ئاقىل كۇتۇپخانا، بۇلۇت تېرمىنالى مۇزېيى قاتارلىق رەقەملەشكەن مۇلازىمەتتىن ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكىچە... رەقەم دەۋرىنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، مەدەنىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار قوللىنىشچان تېخنىكا ئارقىلىق سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

پىكىر ئېقىملىرى گىرەلەشكەن جايدا پۇرسەتنى كۆزىتىپ، مەدەنىيەت دولقۇنىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇمىي خەلقنى غايە - ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇچۇن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.