تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە 7 مىليارد 231 مىليون تېز يوللانما بىر تەرەپ قىلىندى

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك شۆبە شىركىتى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىپ تەقسىملەش ئاقما مەشغۇلات لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ شياۋ فوتوسى)

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يې خاۋمىڭ) مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە)، مەملىكەت بويىچە پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە 7 مىليارد 231 مىليون تېز يوللانما بىر تەرەپ قىلىنغان، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 900 مىليوندىن ئاشقان، پۈتۈن كەسىپنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

   بۇ يىل «ئىككى بايرام» تەڭ كەلدى، تۈرلۈك ئىستېمال ئەندىزىسى، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش داۋام ئەتتى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى «تېز يەتكۈزۈش + مەدەنىيەت-ساياھەت »يېڭى ھالىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۇكان، تېز يوللانما ساقلاش ئىشكاپى ۋە ئۆزى ئەۋەتىش ساندۇقى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، گاۋتيې ۋوگزاللىرى، ئايروپورت، مېھمانساراي ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ماكانلىشىپ، ساياھەت ئېقىم مىقدارىنىڭ ئىستېمالنىڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نەچچە مىليون تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، مەۋقەنى بازار ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىغا قويۇپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشقا ياردەم بەردى.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك شۆبە شىركىتى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىپ تەقسىملەش ئاقما مەشغۇلات لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ شياۋ فوتوسى)

   دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى تېزلەتتى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن كەسىپتە توردا ۋە تور سىرتىدا سودا ـ ساياھەت، مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ ساغلاملىق قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى بويىچە ئىستېمالنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىللىققا ئىگە ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك شۆبە شىركىتى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىپ تەقسىملەش ئاقما مەشغۇلات لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ شياۋ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى باۋيىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىڭخې ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى بىر ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنىڭ تېز يوللانمىلىرىغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېن دۇڭبىڭ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خېبېي ئۆلكىسى زۇنخۇا شەھەرلىك شۆبە شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار تېز يوللانمىلارنى ئايرىپ تەقسىملىمەكتە. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ليۇ مەنساڭ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئاپتوموبىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوۋ شەھىرى لۇچياۋ رايونىدىكى گۇياۋ يولىدا يۈرمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جياڭ يوۋچىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.