تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئاراتۆرۈك ناھىيەسى: دېھقانلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى، يەم ـ خەشەك تارقىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

   «كۆپچىلىك قىستاشماڭلار، ئاۋۋال ئىمزا قويۇپ تىزىملىتىپ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئېلىۋېلىڭلار، قايتقاندىن كېيىن كالا، قويۇڭلارنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى بېقىڭلار ...» 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى قىرساي كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، «دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان يەم-خەشەك»نى ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا ئىدى.

«دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان يەم-خەشەك»نى ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

   پائالىيەت مەيدانىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەنگەنىدى، بەزىلىرى قول ھارۋىسى ئىتتىرىپ، بەزىلىرى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ، بەزىلىرى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت مىنىپ، بالدۇرلا كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى. ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى قىرساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇچۇرلارنى بىر-بىرلەپ تىزىملىتىشقا يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ خالتا-خالتا يەم-خەشەكلەرنى ماشىنىلارغا باساتتى، پۈتكۈل تارقىتىش جەريانى تەرتىپلىك بولدى. لىق قاچىلانغان يەم-خەشەكنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇلار پات-پات ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بۇ ئەمەلىي نەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولغانلىقى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.

   «ئۆيدىكى يەم-خەشەك تۈگەي دەپ قالغانىدى، بۇ يەم-خەشەكلەر ھەقىقەتەن <خاسىيەتلىك يامغۇر> بولدى! بۈگۈن مەن ئۈچ خالتا ئالدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن!» دېدى كەنت ئاھالىسى مۇھەممەت سايىت ئاپتوموبىلىغا يەم-خەشەك قاچىلىغاچ تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بىلەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان يەم-خەشەك شۇ جايدىكى باقمىچىلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەم-خەشەك زاپىسىدا «ئۈزۈكچىلىك بولۇش»تەك قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان.

   «ئالدىنقى مەزگىلدە بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى توپلىغاندا، كۆپچىلىكنىڭ يەم-خەشەك زاپىسى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بىلىپ، دەرھال خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىراجىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن يەم-خەشەك سېتىۋېلىپ، يەم-خەشەك كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» تۇخۇلۇ يېزىسى قىرساي كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەم-خەشەك تارقىتىش كەنت ئاھالىلىرىنى چارۋىچىلىق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى مەقسەت قىلدى.

   كېيىنكى قەدەمدە، تۇخۇلۇ يېزىسىنىڭ قىرساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى داۋاملىق «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش»نى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى  تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقى قوشىدۇ.

(ئىختىيارىي مۇخبىر مىنەۋەر بەكرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.