تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

​− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (1)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، ياڭ جەنفېي

5000 يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، مەدەنىيلىك ئەزىم دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقتى؛ يۈز نەچچە يىللىق مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، قانداق قىلغاندا 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاساسىدا مەدەنىيلىكنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولغىلى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخى زور دولقۇنىدا مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

2023 - يىلى 10 - ئايدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ - مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيلىك ئۆلچىمىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش

2025 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن لوياڭدىكى لۇڭمېن تاش غارىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. يىشۇي دەرياسى بويىدا، باش شۇجى تارىخقا زەن قويۇپ قاراپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى: «بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تارقىتىش كېرەك».

ليۇچىشياڭ كوچىسىدىن بەيما ئىبادەتخانىسىغىچە، جاۋشىڭ دۇڭجەيدىن لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىگىچە، باۋجى بىرونزا بۇيۇملار مۇزېيىنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى بولغان «خېزۇن» ئاپقۇرى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى، شياۋگەن يۈنمېڭ ناھىيەلىك مۇزېيدا قېزىۋېلىنغان چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە يەرنى قاپلىدى، قەدەم ئارقىلىق مەدەنىيلىكنى ئۆلچەپ، ئىدىيە ئارقىلىق قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماننى تۇتاشتۇرۇپ، «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو»دىن «قانداق قىلغاندا گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»غىچە بولغان مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

«5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا ئىزچىل ئىلگىرىلىدۇق، <جۇڭگو> دېگەن خەت <خېزۇن> ئاپقۇرىنىڭ تەكتىگە ئويۇلغان، تېخىمۇ مۇھىمى ھەربىر خۇاشيا پەرزەنتىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.

مەدەنىيەت ئىشەنچى ئۇزاق تارىختىن كەلگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك ئۈزلۈكسىز بولۇش خاراكتېرى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى، بىردەكلىك خاراكتېرى، سىغدۇرۇشچان خاراكتېرى، تىنچلىق خاراكتېرى بىلەن دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ئىشلار ئۆزگەرسىمۇ، بۇ مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت ئەزىم دەريا باشتىن - ئاخىر ئۆركەشلەپ ئاقتى.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، قايتا - قايتا قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈل ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئاجىزلاشمىدى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدىكى مۆجىزە، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشەنچ ئاساسىمىز.

«بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ، تارىخىي قىياپىتى جانلىق قايتا نامايان قىلىندى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە شەھەر قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى؛ «باھار بايرىمى»نى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جۇڭگو بايرىمى «دۇنيا بايرىمى»غا ئايلاندى، كىشىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت مەنىۋىي رىشتىسىنىڭ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلاشقان قۇدرەتلىك ئورتاق گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى...

جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى ئويغىتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يارىتىش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە تايىنىشنى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيلىكنى قوغداشتىكى قەتئىي ھەرىكەتكە ئايلاندى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى بايلىقىنىڭ ئاساسى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاندى، 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشتى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قۇرۇلۇشىدا مەدەنىيلىك ئېنىقلىمىسى ۋە مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقنى بېكىتىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكنىڭ مەنبەسى تەتقىقاتىغا ئىجادىي تۆھپە قوشۇلدى.

مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندە، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. ئارزۇ ۋە خىرىس بىزنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كۈرەش قىلىش روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھى ئۇرغۇدى.

مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

2025 - يىلى دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر تاغ - دەريالارنى ساياھەت قىلىپ، بىللە كەلگەن ئىككى بايرام جەريانىدا قەلبىدىكى «ئارزۇسىدىكىدەك جاي»نى ساياھەت قىلىشقا ئورتاق ئىنتىلدى... ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە «جۇڭگو ئۇسلۇبى» «مەدەنىيەت پۇرىقى» ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۇرغۇپ چىققان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى جانلىق نامايان قىلىندى.

نەچچە مىڭ يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ - ئادەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا تۇيمايلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتنىڭ «ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشى» ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشىپ، «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى جانلىق نامايان قىلدى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ «قارىسىلا تاغنى كۆرەلەيدىغان، سۇنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان» يېڭى دەۋر مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشتىن مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا «ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەدەنىي شەھەرنى كۈچەپ قۇرۇش» شەھەر خىزمىتىدىكى يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىنىشقىچە... تارىخ تۇتاشتۇرۇلدى، گېن جانلاندۇرۇلدى، ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا توپلانغان مەدەنىيلىك ئەقىل - پاراسىتى يېپيېڭى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىگە يۇغۇرۇلدى.

جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، «جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قاينام - تاشقىنلىققا تولغان دەۋر مەنزىرىسىدە سەلتەنەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى ھەم بېيىتتى.

پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى −

مۇزېيلار «يېڭى مودا ئېقىم»غا ئايلاندى، 2024 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇزېيلار 1 مىليارد 490 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى «داكا قىلىش»قا جەلپ قىلدى؛ «ئارخېئولوگىيە قىزغىنلىقى» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىزغىنلىقى» «قىزىل ساياھەت قىزغىنلىقى»دىن ئىبارەت بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلدى، «دۆلەت ئۇسلۇبى» «جۇڭگو مودا ئېقىمى» بەس - بەستە جانلاندى؛ «مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپ» «تۈرلۈك كەسىپ + مەدەنىيەت - ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، مەدەنىيەت ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت قوشتى...

جۇڭگو زېمىنىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان كۈرەش مەنزىرىسى نامايان بولدى −

«بېيدوۋ»نىڭ يول باشلىشى، «موزى»نىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى، «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، دۆلەتنىڭ بىرقاتار مۇھىم جابدۇقلىرى زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلەن چوڭ دۆلەت مەدەنىيلىكىنىڭ شېئىرىي تۇيغۇلۇق «ئۇچرىشىش»ىنى زىممىسىگە ئالدى؛ «Z دەۋرى»دىكىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىدا سۈرئەتنى تېزلەتتى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ پۇختا ئاساسىغا تىرەك بولدى، ھۈنەرۋەن روھى چاقنىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ...

جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى −

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى يولىنى كېڭەيتتى؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئىجادىي مۇجەسسەملىنىپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلايدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى؛ قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى، ئوتتەك قىزغىن جۇڭخۇا مۇھەببىتى، ئۇلۇغۋار مىللەت روھى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى...

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش كۈچلۈك ئېقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى.

يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش

«يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك» «بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىش كېرەك»، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت كوردىناتىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەدەنىيلىك يۆنىلىشىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، يېڭى بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، ئايروپىلاننىڭ بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەلدە سەرسان بولۇپ يۈرگىنىگە 79 يىل بولغان دۆلەت گۆھىرى − زىدەنكۇدىن قېزىۋېلىنغان يىپەك كىتاب «ۋۇشىڭلىڭ» «گۇڭشوۋجەن» ئاخىرى ئۆيگە قايتتى!

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، 35 تۈركۈم قېتىمدا ئېلىپ كېتىلگەن 537 دانە \ يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى، سەنئەت بۇيۇمى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى. گۈللەنگەن دەۋردە دۆلەت گۆھىرىنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى بىزنى ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت ئىشەنچى پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋى خىسلىتى ۋە مەدەنىيەت پەزىلىتىگە ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا بىزنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىرادىمىزنى تىكلەپ، توختىماي ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇش شىجائىتىمىزنى چىڭىتىپ، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىمىزدا ياخشى مېڭىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلىمەكتە.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سەنشىڭدۈي خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پارچىلىرىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ، مۇكەممەل بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يىنشۈ چىغناق - تاغاق پارچىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا، چىغناق - تاغاقنى «ئېغىز ئېچىپ سۆزلەش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... 2025 - يىللىق بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىدە، مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشى» مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى جانلىق ئىزاھلىدى.

مەدەنىيەت قۇۋۋىتى پەن - تېخنىكا پىشاڭىنىڭ ياردىمىدە ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە كۈنسېرى ئايلانماقتا. ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئالىملىرى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، «قارا رىۋايەت: ۋۇكۇڭ» قاتارلىقلار مىسالغا ئېلىنىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ھەمدە مودا ئېقىم، ۋاڭخۇڭ ئوبراز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرماقتا.

مەدەنىيلىك ھەم تارىخىي ئىجادىيەتنىڭ جۇغلانمىسى، ھەم رېئال يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۇپرىقى. پەقەت توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتەك توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىجاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.

2024 - يىلى 11 - ئايدا، فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا، «جۇڭگو. تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسىدىكى شەرقنىڭ قەدىمىي گۈزەللىكىگە تولغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى مەملىكەت سىرتىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەر «گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك» ئىكەن، دەپ تەرىپلىدى.

كۆرگەزمە ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كىرىش سۆزىدە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز تارىخىي مەدەنىيەتتىن ئىلھام ئىزدەپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز گۈزەللىكىمىزدىن زوقلىنىپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك».

«ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى، سالاپىتىنى نامايان قىلدى، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئىزاھلىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. قەتئىي تەۋرەنمەي توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، تەرەققىيات ئامىللىرىنى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان مۇھىتتا ئەركىن يۆتكىلىش، ئۇچرىشىش، يۇغۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن مەدەنىيلىكنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتىمىز بىلەن يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.