
2025-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى لۇجياڭ ناھىيەسى فەنشەن بازىرى تەۋەسىدىكى لۇنەن ساياھەت مەنزىرە لىنىيەسىدە كېتىۋاتاتتى، ئەگرى-بۈگرى تاشيول، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىل تاغلار بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇجياڭ ناھىيەسى ئۆزگىچە يېزا تاشيولىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىي 8 مىليارد 610 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 4000 كىلومېتىرغا يېقىن يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ ياساپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 30 يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتنى تۇتاشتۇردى. بىر تۈركۈم «كەسىپ يولى»، چەت-ياقا كەنتلەرنىڭ «ئاخىرقى ئۇچ يولى» ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىنىڭ «ساياھەت يولى» پۈتۈن ناھىيەنىڭ «ئۆزگىچە تاشيول تورى»نى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىش سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ تېزلىتىلىشىگە كۈچ قوشتى.




زو شۆجاڭ فوتوسى (خەلق تورى سۈرىتى)
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






