تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. ئارزۇ ۋە خىرىس بىزنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۈز مىليونلىغان خەلقنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى. ماڭغان شۇ يوللاردا، مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسۇن ياكى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن ئىبارەت «كەلگۈسى شەھەر»نىڭ تېز يېتىلىشى، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ تاغ ۋە دېڭىز ھالقىشى، چاڭئې 6 - نومۇر قاتارلىق مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن غەلىبە خەۋىرىنىڭ ئۈزۈلمەي تارقىلىشى بولسۇن... يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە تىرىشىش، بىرلىكتە ئىشلەش، بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بوران - چاپقۇننىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسىلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايدۇ.

بۈگۈن، بىز ياراتماقچى بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىش تىپتىنچ مۇھىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەس، گۈل دەستە ۋە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتتىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش ئەمەس، بەلكى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش داۋامىدا ئىلگىرىلەش يولىنى ئېچىش، بوران - چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇن داۋامىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارغا قارىتا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىگە قارىتا، پەقەت باشتىن - ئاخىر توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەسلىك، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىزدە پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ، تارىخ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ. ھازىر، بىز بېكىتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇشقا ئاران ئون يىل ۋاقىت قالدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ ئاران 20 نەچچە يىل ۋاقىت قالدى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، يەنىلا ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىدا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەرنى جىددىي تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ... يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەم يېتەرلىك تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ھەم ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا، ئولتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاپ، بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كۆپ ئىشلىگىلى بولسىلا كۆپرەك ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىمىزدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىزدە مەڭگۈ بوشاشمايدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىرادە باغلاپ، پارتىيەمىز 100 نەچچە يىللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبالىنى ئاچتى. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى شۇنچە ساقلىشىمىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويۇشقا، ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت - قولىنى سۇنۇۋالىدىغان ھەرقانداق خىيالدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنلىشىدىغان، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرگە يولۇقىدىغان، شۇنداقلا ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان، قەتئىي ئىلگىرىلىمىسە بولمايدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، بىز يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقماسلىق» ئىرادىسى بىلەن، بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ، بىر جىلغىدىن ھالقىغاندىن كېيىن يەنە بىر ياردىن ئۆتۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى داۋاملىق يارىتالايمىز، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.