□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساربۇلاق يايلىقىنىڭ كۈز شامىلى ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايتتى، ۋېي دېيوۋ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ئاسمىنىدا لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئادەتتىن تاشقىرى جۇلالىنىپ تۇراتتى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، بىڭتۇەن 9 - شى 161 - تۇەننىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ بالدۇرلا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، يىراقتىن كەلگەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋالدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، بۇ قېتىم ئالايىتەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدۇق!»
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەمدىلا قايتىپ كېلىشىمگە، ئۆيىمىزگە بېيجىڭدىن تۇغقانلار كەلدى، مەن ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم!» 85 ياشلىق ۋېي دېيوۋ تۇغقانلىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، ئاۋازى سەل - پەل تىترەپ چىقتى، قورۇق باسقان چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.
مېھمانخانىغا كىرگەندە، چاي شىرەسىگە يېڭى چىلان، ئالما ۋە شاپتۇل قاتارلىقلار تىزىلغان بولۇپ، بۇ مېۋىلەرنى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن تۇغقانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغانىدى. تامدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋېي دېيوۋغا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىپ بەرگەندىكى قىممەتلىك ئوپچە سۈرەت ئېسىلغانىدى. «سانسىزلىغان كىشىلەر ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغداۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاددەتتىكى بىرى، لېكىن پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا مۇشۇنداق ئالىي شان - شەرەپنى بەردى، قەلبىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى.» ۋېي دېيوۋ بېيجىڭدىن كەلگەن تۇغقانلارغا يۈرەك سۆزىنى تاقەتسىزلىك بىلەن سۆزلەپ بەردى، «باش شۇجى شىنجاڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، كۆپ قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇ قېتىم يەنە ئالايىتەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى. مۇشۇ يىللاردا شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر پەۋقۇلئاددە زور بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى».
ۋېي دېيوۋ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. 1964 - يىلى ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ۋېي دېيوۋ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلىدىكى بېيجىڭ ھەربىي رايونىدىن بىڭتۇەن 9 - شى 161 - تۇەنگە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كېلىپ، ئۆيىنى چېگرا لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇردى. 61 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئاي - يىللارنى، پادىچى ئىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، شىۋىرغان بىلەن، بۆرىلەر بىلەن كۈچ ئېلىشتى، بىر كونا چەينەك، بىر رادىيو، بىر دۇربۇن، بىر پادىچى قامچىسى ئۇنىڭ چېگرا چارلاش يولىدىكى «تۆت گۆھەر»گە ئايلاندى، چېگرا چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەككە يەتتى، چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە ئون مىڭ چارۋىنى توسۇپ قالدى، چېگراغا يېقىنلاشقان 1000دىن ئارتۇق ئادەم(قېتىم)نى نەسىھەت قىلىپ قايتۇردى ۋە توستى، ئۇنىڭ باشقۇرۇش - كونترول قىلىش رايونىدا بىر قېتىممۇ چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋەقە يۈزبەرمىدى.
«ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن.» ياش يىگىتتىن ياشانغان كىشىگە ئايلىنىشقىچە، ۋېي دېيوۋ ياشلىق باھارىنى چېگرا رايونغا بېغىشلاپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا بەلگىسى» دەپ تەرىپلەندى.
ۋېي دېيوۋنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا ئىدى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى.
مۇشۇ يىللاردا، ۋېي دېيوۋ نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشتى، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى ئادەتتىكى ئادەم دەپ قاراپ كەلدى. يىل بويى قۇم - بوراندا چېگرانى چارلىدى، ئۇ چېگرا لىنىيەسىدە سانسىز قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقاردى، ھەرقانچە جاپا چەكسىمۇ، ھەرقانچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ بۇ جايدىن ئايرىلىش خىيالىدا بولمىدى. «بۇ يەر ھەرقانچە قاقاس بولسىمۇ، يەنىلا ۋەتىنىمىزنىڭ تۇپرىقى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى قوغدايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.» ھازىرقى چېگرا تىلغا ئېلىنسا، بوۋاينىڭ كۆزىگە ياش كېلىدۇ، «مەن باش شۇجىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھازىر چېگرا لىنىيەسىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرى ناھايىتى بىخەتەر».
ۋېي دېيوۋ تۇرمۇشىنىڭ يىلدىن - يىلغا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى، «چىن كۆڭلۈمدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن يەنە داۋاملىق چارلاپ، چېگراغا ياخشى قاراپ، دۆلەتكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن».
61 يىلدىن بۇيان، ۋېي دېيوۋنىڭ ئۇپرىغان رېزىنكە ئاياغلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى، 50 رادىيو ئىشلىتىلىپ كېرەكتىن چىقتى − بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى بىردىنبىر يول ئىدى. پىيادە مېڭىشتىن موتوسىكلىت مىنىشكىچە، يەنە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىشكىچە، چېگرا چارلاش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەكتە، ئەمما ۋېي دېيوۋنىڭ چىڭ تۇرۇشى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى؛ ئائىلىسىدە يېڭى ئۆي سېلىندى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، لېكىن ئۇنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداش ئەسلىي مەقسىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. ۋېي دېيوۋ ئەر - خوتۇننىڭ نەزەرىدە چېگرا لىنىيەسى يىراق ئەمەس، چۈنكى ئۇ باشتىن - ئاخىر ۋەتەننىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالايدۇ؛ چېگرا لىنىيەسى جاپالىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشىلەر قەلبىدىكى ئەڭ سۈزۈك ئېتىقادنى تاۋلايدۇ؛ چېگرا لىنىيەسى ئانچە ئۇزۇنمۇ ئەمەس، چۈنكى بۇ يەردە بىر پارتىيە ئەزاسى ئارمانسىز كۈرەش قىلىش يولىنى تېپىپ چىقتى.
«قىزىم ۋېي پىڭ شەندۇڭدىن كېلىپ، ئوخشاشلا چېگرا قوغدىغۇچى بولدى. چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز!» ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن خاتىرە بۇيۇملىرى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى، مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزالىق ئىزنىكى خاتىرە بۇيۇمى ئۈستىدىكى «70» دېگەن سان بىلەن بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى، قورۇدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يىللىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىۋاتاتتى، شۇنداقلا بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئوتلۇق ئەسلىي مەقسىتىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇراتتى.






