تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتەيلى

​− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور (6)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا «پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى» دەپ تەكىتلىدى ھەم پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

مۇۋەپپەقىيەتلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغاندا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرغاندا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش بۇرچى، مۇھىم ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت قىلىپ پۇختىلايمىز.

زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپى ئالدىدا، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك. مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، چېنىقتۇرىدىغان چوڭ دەرسخانا قىلىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئىقتىدار جەھەتتە كۈچلۈك، ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاساس تۇتۇلسا باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ، نېگىز تۇتۇلسا باشقا ئىشلار يۈرۈشىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.