
9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11 دىن 00 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجې 2-نومۇرلۇق D توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، سىناق 30-نومۇرلۇق 01، 02 گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
سىناق 30-نومۇرلۇق 01، 02 گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى يەرنى كۆزىتىش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىپ دەلىللەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ ناملىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 598-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ شى فوتوسى)
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






