تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
يىغىش ماشىنىسى بىڭتۇەن 2-شى 22-تۇەندىكى بىر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقتا توختىماي ئۆتۈشۈپ، لازا يىغماقتا (9-ئاينىڭ 27-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈزدە، ئېتىزلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش كۈزلۈك يىغىم مەنزىرىسى نامايان بولدى. شيې جياڭلىن فوتوسى
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياڭاق سودىگەرلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى يۇڭكۇ جېنشىڭسۈن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا سېتىۋالغان ياڭاقلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. تۇرسۇن توختى فوتوسى
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈزۈم ئۈزمەكتە. شۇ كۈنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرىدىكى ئۈزۈملۈكتە مول ھوسۇل بايرىمى ئۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ ئۈزۈشنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى






