مەنبەسى: يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىكى چىلانلار پىشىپ، مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دانىسى چوڭ، ئېتى قېلىن، تاتلىق، چۈرۈك چىلانلار ئېتىزدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈستىلىگە چىقتى.

توقاچ چىلان ئۈزۈش. نازاكەت فوتوسى
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسى خېشيې كەنتى ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۈزگەن چىلانلارنى ئايرىپ يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى، «يېڭىسار توقاچ چىلىنى» دېگەن خەت بېسىلغان يەشىكلەر تېز يوللانما ئارقىلىق ماڭدۇرۇلۇشقا تەييار قىلىنغانىدى.
كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بىزگە ھەر كۈنى زاكاز چۈشۈۋاتىدۇ. بۈگۈن بۇ 500 كىلوگرامدىن ئارتۇق چىلاننى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال تېز يوللانما ئارقىلىق شاڭخەيگە ئەۋەتىمىز.»
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش ئۈچۈن، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى «پارتىيە ياچېيكىسى + مېۋىلىك باغ + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى يادرو قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، توقاچ چىلاننى ئاساس قىلغان خاس باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق ئارقا تىرەك ئورۇن جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى باش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 220 مودىن ئارتۇق «ئورتاق بېيىش، ئىناق ئۆتۈش» چىلانلىق بېغى بەرپا قىلىندى، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن 12 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق چىلان دەرىخى مېۋىلەشكە باشلىدى، شاخ-يوپۇرماقلار ئارىسىدا غۇچچىدە چۈشۈپ كەتكەن چىلانلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.
«توقاچ چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، پەرۋىش قىلىش ئاسان، قەنت تەركىبى 35~32كىچە، تەمى تاتلىق، كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان بولۇپ، بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى» دېدى كەنت كادىرى ئەسقەر بەكرى: ھازىرقى بازار باھاسى ھەر كىلوگىرامى 30 يۈەن بولۇۋاتىدۇ.

يېڭىسار توقاچ چىلىنى. نازاكەت فوتوسى
توقاچ چىلاننىڭ شەكلى توق، رەڭگى ئوچۇق، قەنت تەركىبى مۇۋاپىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، كۈز پەسلىدە يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، زاكاز تالونلىرى ئۈزۈلمىدى. نۆۋەتتە، بۇ كەنت «توردا + تور سىرتىدا» سېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
«سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋېلىش ۋە زاكازلىق سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، توقاچ چىلاننىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 500 كىلوگىرامدىن 800 كىلوگىرامغىچە مۇقىملاشتى.» ئەسقەر بەكرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېتىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، 220 مو چىلانلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 30 توننىدىن ئېشىپ، كەنت كوللېكتىپىغا تەخمىنەن 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشى مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ.
كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «چىلانلىق باغ ئىشىكىمىز ئالدىدىلا، بوش ۋاقتىمىزدا كېلىپ چىلانلارنى ئايرىپ يەشىككە قاچىلاپ بەرسەكمۇ بىر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز.»

يېڭىسار توقاچ چىلىنى سوۋغات قۇتىسى. نازاكەت فوتوسى
خېشيې كەنتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، توقاچ چىلان ئۆستۈرۈش يېڭىيەر يېزىسىدىمۇ تەدرىجىي ھالدا «بىر كەنت خاسلىقى»دىن «پۈتۈن يېزا كەسپى»گە كېڭىيىپ، باغۋەنچىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى سورتتىن تەدرىجىي كۆپ مەنبەلىك تىرەككە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس باغۋەنچىلىكنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېشىل موتور»غا ئايلاندۇردى.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن نازاكەت، مەمەتئېلى)






