تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

جياڭشى يۇڭفېڭ: يېزا-كەنت تاشيوللىرى گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈردى

   2025-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرى يۇڭفېڭ ناھىيەسى شىما بازىرى سەنجياڭ كەنتىدە، تاغ ئايلانما يولى بىلەن يېشىل ئورمان بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىئەن شەھىرىنىڭ يۇڭفېڭ ناھىيەسى يېزا-كەنت تاشيول قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول قاتناش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، «تار» بولۇشتىن «كەڭ» بولۇشقا، «لىنىيە»دىن «تور»غا، «كەڭ-كۇشادە» بولۇشتىن «راۋان» بولۇشقا، «راۋان» بولۇشتىن «گۈزەل» بولۇشقا ئۆتۈشتەك قاتناش يېڭى ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى. تاشيول تورى شەھەر-بازار، يېزا-كەنت، كەسىپلەر بازىسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قاتناش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ليۇ خاۋجۈن فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.