− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
ھەيۋەتلىك تىيانشان ئالتۇن رەڭگە كىردى، كۆز يەتكۈسىز كوئېنلۇن شاد - خۇراملىق كەيپىياتىغا تولدى. 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز!
1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 2 تىرىليون يۈەننى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ، 1955 - يىلىدىكىنىڭ 204.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئېكولوگىيە - مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
شەيئىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشەنگەندىلا، كەلگۈسى يۆنىلىش ۋە نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقى، زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، بۇ، مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ! شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرغاندا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىشى - تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بىرلىكتە ئويلاش، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىتتىپاق، گۈزەل سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا، ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك». جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك.
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقايلى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى مۇقەررەر تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ، روناق تاپىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى مۇقەررەر تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






