− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم سۆزى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شاد - خۇرام كەيپىيات نامايان بولدى، مېھىر - مۇھەببەت چېگرا رايوننى ئىللىتىپ ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى.
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.
كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.
شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى
قىزغىن ھېسسىيات بىلەن داپ چېلىپ، خۇشال - خۇرام ئۇسسۇلغا چۈشتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە خۇشاللىق كەيپىياتى ئۇرغۇدى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ياش ما جىنيۈ بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇيالمايدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ قونغانلىقىنى كۆرۈپ، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا ساقلاپ تۇرغان ھەر ساھە ئامما قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى. «نەق مەيداندا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا بەس - بەستە ئەڭ قىزغىن شەكىلدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلىدۇق».
پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭدىكى 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنىڭ بىر جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى، دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.
«ئەينى يىلى چوڭ بوۋام ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرگىلى بارماقچى بولغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا بارالايدىغان بولدۇق. شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.» رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇيىمىز خېلى بۇرۇنلا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ئايلاندى. پەقەت پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش تېخى ئالدىمىزدا».
70 يىل ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، 70 يىلدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا يۇرتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرى ۋە شانلىق نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىدىن نۇرسالى ئادالقان چەكسىز ئىپتىخارلاندى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ: كۆرگەزمە كۆرۈشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كونا بىلەن يېڭىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، جانلىق پاكىتلاردىن پايدىلىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ، بىزگە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» نۇرسالى ئادالقان مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى كۈرەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنى بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، گۈزەل ئەتىگە قاراپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن خەيبو مۇنداق دېدى: «خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، پارتىيەمىز بېكىتكەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى تامامەن توغرا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. بۈگۈنكى گۈزەل شىنجاڭ دەل بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى».
چىن خەيبو مۇنداق بىلدۈردى: مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، ھازىرقى مىللەتلەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئىزاھلاش - يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەقىل - پاراسەت قوشىمەن.
شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش
تىيانشان ئېتىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى.
بۇ جايدىكى بىر پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا رەت - رەت چوڭ تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى، پات ئارىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلىنىدۇ.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە تۈرتكە بولۇشىمىزدىكى مۇھىم قوللانما.» شىركەت مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل ھاۋا بوشلۇقى شارائىتىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ «تۆۋەن بوشلۇق +» ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىساد كەسپىنىڭ كۈچ توپلاپ پەرۋاز قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
بىر قېتىملىق كۈز يامغۇرىدىن كېيىن، ئالتاي تېغىدىكى ئورمانلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، شېئىرىي تۇيغۇغا تولغانىدى. بىر چاغلاردا، بۇ جايدا ئوتلاقلار چېكىنىپ، ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ كەتكەنىدى. ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنىڭ پايدىسىدا، گۈزەل مەنزىرە قايتا نامايان بولدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دىلدار نەبى مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى داۋاملىق تۈردە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتلەر مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، ئادىمىيەت گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ «بەخت قاچىسى»نى ياخشى تۇتۇشىغا، «ساياھەت تامىقى»نى ياخشى يېيىشىگە مەدەت بېرىدۇ.
قورغاس پورتىدا، پويىز گۈدۈكى ئۇزاق ياڭرىدى. لىق يۈك قاچىلانغان «پولات كارۋان»نىڭ بۇ جايدىن يولغا چىقىشى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايان قىلماقتا.
«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قورغاس شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېي زېڭتاۋغا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى: «بىز تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، <ئاقىل تۆمۈريول پورتى + تەۋەلىك بويىچە تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش> قاتارلىق ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا تېخىمۇ جۇشقۇن قۇۋۋەت قوشىمىز».
تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلىدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ھەمبەھرىلىدى.
«خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ لېي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى.
«شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈرئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.» سۇڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇشنى قانداق ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز.
بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى 143 - تۇەنىنىڭ بىپايان كېۋەزلىكىگە كىرگەندە، پاختا يىغىۋاتقان ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
«ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي كېۋەز ئېتىزى، شاپتۇللۇق باغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا بىڭتۇەن ئىسلاھاتى، ھۆددە ئېلىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ كىنىشكا تارقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلگەنىدى، بۇ قېتىم يەنە بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن باش شۇجىنىڭ بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى 143 - تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شىڭ ۋېنتاۋ.
ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن «پارتىيە ياچېيكىسى + شىركەت +دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئىجادىي ئەندىزىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات سالمىقى، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىسلاھاتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن بىڭتۇەن ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىڭتۇەن كۈچىنى قوشىمىز.
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.
«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.» شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاسقىن سەكەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.
تاسقىن سەكەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كۆرۈشكەن سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈمگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
دىنلار رايىش بولۇشى كېرەك، جەمئىيەت ئىناق بولۇشى كېرەك، مىللەتلەر ئېجىل بولۇشى كېرەك.
ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپنىڭ «دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دېگەن تەلەپكە بولغان تەسىراتى چوڭقۇر.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشى ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىنى دىنىي بىلىملەرنى سۆزلەش، چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى توغرا بولغان دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.» مۆھتەرەم شېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشنى قەلبىدە مەھكەم ساقلاشقا، قان - قېنىغا سىڭدۈرۈشكە يەنىمۇ يېتەكلەيمەن.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن زامان - ماكان ھالقىغان سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئىچى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» مۇزېي پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق بىلدۈردى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تارىخ بىلەن ئۇچرىشىش، گۆھەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ھەمتۈرتكە بولۇشقا قاتنىشىش داۋامىدا، تەبىئىي ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلايمىز.
ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىدە، بالىلار «ئانار دانىسى» كىچىك دەرسخانىسىغا يىغىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلىدى، ئويۇن ئوينىدى، مەھەللە كادىرلىرى مەھەللىدىكى ئامما بىلەن «ئورۇندۇق دەرسخانىسى»دا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى. 14 مىللەتتىن بولغان 3000دىن ئارتۇق ئامما ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى.
«پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزغا باغلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك> دېگەن تەلىپى دەل بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز.» قارادۆڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى باھارگۈل مۇنداق بىلدۈردى: ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى، كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىمىز.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە جاي يېڭى تۈسكە كىردى، قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنىنىڭ ياش ئارتىسى جېن جۇ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى.
«باش شۇجى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشتا <قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش>قا توغرا كېلىدۇ، دېدى. بىز سەنئەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.» جېن جۇ مۇنداق دېدى: «<شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز>، بۇ، نومۇر ئارقىلىق چىن ھېسسىياتنىڭ ئىزھار قىلىنىشى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ سەمىمىي ۋەدە».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






