تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋەدىنى ھەقىقىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى

− بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى  شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك باش كاتىپ گۇتېررېس،

ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ لۇلا،

ھەرقايسى كەسىپداشلار:

بۇ يىل «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانى سۇنۇلىدىغان مۇھىم تۈگۈن، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. مەن ئۈچ تۈرلۈك كۆز قارىشىمنى ھەمبەھرىلەشنى خالايمەن.

بىرىنچى، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش − دەۋر ئېقىمى. گەرچە ئايرىم دۆلەتلەر ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىشەنچتە تەۋرەنمەسلىك، ھەرىكەتنى توختاتماسلىق، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. يەرشارىۋى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، ھەرگىزمۇ چوڭايتىۋەتمەسلىك كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئازايتىش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر، دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتقا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن زور. ھەرقايسى دۆلەتلەر يېشىل تېخنىكا ۋە كەسىپلەر بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيادا ئەركىن ئوبوروت قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەربىر جايغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

ھەرقايسى كەسىپداشلار!

مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلايمەن: 2035 - يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو پۈتكۈل ئىقتىساد دائىرىسىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ساپ مىقدارىنى چوققا قىممەتتىن %7تىن % 10كىچە تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ. تاشقاتمىدىن باشقا ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %30تىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ، شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 2020 - يىلىدىكىدىن ئالتە ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ 3 مىليارد 600 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزىدۇ، ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارىنى 24 مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېڭىدىن سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرىدۇ، مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنىڭ ئاساسلىق يۇقىرى بۇلغىمىلىق كەسىپلەرنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىلىماتقا ئۇيغۇنلىشىدىغان جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىدۇ.

بۇ، جۇڭگونىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۈزگەن نىشانى. بۇ نىشاننى تاماملاش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا پايدىلىق ۋە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا مۇھىتقا ئېھتىياجلىق. بىزنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار.

ھەرقايسى كەسىپداشلار!

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ھەم ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە. بىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىدىن ئىبارەت ئورتاق ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى!

كۆپچىلىككە رەھمەت!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.