تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭدا مەۋج ئۇرغان 70 يىل كىچىك كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش: داشى كەنتىدىكى بەختلىك تۇرمۇش

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، تيېمېنگۇەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى داشى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

   شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتى ئىلگىرى «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە يېرى ئاپئاق شورلۇق، تېرىسىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغان» ئۈنۈمسىز جاي ئىدى، بۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پۇقرالار ئاشلىق ئىستېمال قىلىشتا ئاشلىقنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا تايىناتتى، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىناتتى، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىدا، داشى كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.

   بۇ جاي يېزا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش ئارقىلىق، داشى كەنتىنى يىراق-يېقىنغا داڭلىق «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1-كەنت»كە ئايلاندۇردى. 2024-يىلى، داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 305 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 39 مىڭ 200 يۈەن بولدى.

   ھازىرقى داشى كەنتىدە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى كۈچلۈك، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، باياشات بولۇپ، كەنت قىياپىتى «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ»، كەنت ئاھالىلىرى «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»تەك بەختلىك تۇرمۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

   9-ئاينىڭ 18-كۈنى، داشى كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىكار تۇرغان يەر ۋە تاشلىنىپ قالغان يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خاس باغ-ئورمانچىلىق كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، داشى كەنتىنىڭ كەنت كادىرى مەلىكەم ياسىن(سولدا) ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ يې فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، داشى كەنتىنىڭ كەنت كادىرى گۈلپەرى قېيۇم(ئوڭدا) ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

   9-ئاينىڭ 19-كۈنى، جىفېي دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىكنىڭ مەسئۇلى ئەي خەيپېڭ (ئوڭدىن 2-كىشى)  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدە داشى كەنتى ئاھالىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چېچىش بويىچە تەربىيەلىمەكتە. ئادەمسىزلەشكەن ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، يېزا ئىگىلىك شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى، يىراقتىن سېزىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەسۋابى قاتارلىق بىرقاتار نەرسە تورى ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» پەرۋىشىنى يولغا قويدى، دېھقانلار يان تېلېفوندىلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە مەشغۇلاتى ئارقىلىق كۆپ تۈرلۈك ئېتىز-ئېرىق پەرۋىش خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتى 2-گۇرۇپپىسىدىكى ئاھالە ئەخمەت تۇرسۇن كېۋەزلىكتە كېۋەزلەرنى تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

   9-ئاينىڭ 19-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مېھراي ھاشىم داشى كەنتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىدا داشى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى «دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش + كارخانا پىششىقلاش، ئوراش-قاچىلاش + ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش + ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەرلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ يې فوتوسى

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، داشى كەنتىنىڭ ئاھالىسى روزى سەمەت (ئوڭدا) مەدەنىيەت-ساياھەت سودا كوچىسىدا نان ياقماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى مەدەنىيەت-ساياھەت سودا كوچىسى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتى(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، تيېمېنگۇەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى داشى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، داشى كەنتىنىڭ كەنت كادىرى قەمەرخان سۇلايمان(كەينىدە) ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوي بېقىشىغا ياردەملەشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى

    9-ئاينىڭ 19-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئيىتىنىڭ مەسئۇلى مېھراي ھاشىم داشى كەنتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىدا داشى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى «دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش + كارخانا پىششىقلاش، ئوراش-قاچىلاش + ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش + ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەرلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، تيېمېنگۇەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى داشى كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان كېۋەز.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر داشى كەنتىدىكى داشى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.