مەنبە: تىيانشان تورى
جياڭ شياۋيەن | بۇ ئىللىقلىقنىڭ يېتىپ كېلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشى
بۈگۈنكى شىنجاڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.
9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شادلىق دېڭىزىغا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى، سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى، بۇ خۇشاللىق نەق مەيداندىن ئون مىڭ چاقىرىملىق تاغ-دەريالارغىچە تارقالدى.
بۇ، يېڭى دەۋردىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىغا 4-قېتىم قەدەم بېسىشى، باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئىزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئىللىقلىق، بەخت، مىننەتدارلىق قىزغىن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.
بۇ ئىللىقلىق، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆيىگە قايتقاندىكى سەمىمىي ھاياجان ئىدى. قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەرنىڭ چېھرىىدە پارلىغان تەبەسسۇمى، قەلبلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان لوزۇنكىلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنىنى كۈتۈۋالغاندىكى چەكسىز خۇشاللىقى ئىدى. بۇ پەيتتە، «ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى» ئۇقۇمى شۇ قەدەر كونكرېت ۋە چىن بولدى.
بۇ بەخت، گۈللەنگەن دەۋردىن ئورتاق بەھرىلەنگەندىكى چىن قەلبتىن ئۇرغۇغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىدى. «دوستلار چەمبىرىكى»دىكى ئۇچۇر، سىن كۆرۈنۈشلىرى، چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان ديەنزەن قىلىشلار ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان مۇھەببەت ئېقىنىغا ئايلاندى، ئۇنىڭدا ئېقىۋاتقىنى ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىدى. بۇ پەيتتە، ھەربىر كىشى ئۆز تەقدىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، مانا بۇ خىل ماس قەدەم دەل بەختنىڭ تۈگىمەس مەنبەسى.
بۇ مىننەتدارلىق، شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى ئاڭلىق ئىنكاس ئىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تەرەققىياتىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا تەدبىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بارلىق كۈچ بىلەن قوللىشى مۇجەسسەملەنگەن. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن باش شۇجى يېتىپ كەلگەن ئاشۇ پەيتتە، تور ۋە تور سىرتىدىكى ھەممە جاينىڭ شادلىققا چۆمگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، بۇمۇ ھەم ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقى.
بۇ، بىر قېتىملىق ئىللىقلىقنىڭ يېتىپ كېلىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ شانلىق ئەتىسىنى داۋاملىق يارىتىدۇ.
(خوۋ خۇي)






