تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاندا يېڭى قىياپەت جۇلالاندى، يىپەك يولىدا گۈزەل سەھىپە پۈتۈلدى

​− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى زىلياڭ، ساۋ جىخېڭ، يۈ تاۋ

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋجۇشىنى يوقلىماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى تىللاردا داستان بولغان ھېكايە جۇڭگو زېمىنىدا كەڭ تارقالغانىدى. كونا جەمئىيەتنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتىنى باشتىن كەچۈرگەن قۇربان تۇلۇم تاغا ئەينى چاغدا 70 يىلدىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ چۈشتىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، كەچتىلا بېيجىڭغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىلگىرى نەچچە ئاي جاپالىق يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان سەپەرنى بۈگۈنكى كۈندە بىر كۈندىلا تاماملىغىلى بولىدۇ. بۇ دەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشتىن تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، چەت - ياقا چېگرا رايوندىن نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلىنىشقىچە، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەيۋەتلىك تارىخىي داستان دېيىشكە بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ھالقىما تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ياراتتى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان قىياپىتى بىلەن، گۈللەپ ياشناۋاتقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايون كۈنسېرى يېڭىلاندى

شىنجاڭدىن ئىبارەت قۇرۇقلۇق دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ رايوندا، ئەزەلدىنلا يول ئۇزۇن، يول يۈرۈش قىيىن بولۇپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭدا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى ئاران 3000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئىلگىرى شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدە 40 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلىپ پېنسىيەگە چىققان كادىر خۇاڭ ۋېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كىشىلەر يىراق سەپەرگە چىقماقچى بولسا ئاۋۋال ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ توپا يولدا ماڭاتتى، ئاندىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ چۆلدە سىلكىنىپ تۇرۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى...»

بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول قاتناش تورى خېلى بۇرۇنلا يېيىلدى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول 12 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىدى.

2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يەردىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تىيانشان تاغ چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە پەقەت 20 نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىل بىلەن بېرىش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ.

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، سوغۇق زەنجىر بازىسى... كەسىپ يېڭى يەر بەلگىلىرى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسى بويىدا تېز ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە، يىلىغا 40 مىڭ توننا يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان شىنجاڭ رۇييۈەن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئامباردا ساقلاش سېخىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، يېڭى سۈت تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا. شىركەت مەسئۇلى يۈ رۇيخۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، مۆلچەرىمىزچە، كارخانىمىز بىر يىلدا 15 مىليون يۈەن توشۇش تەننەرخىنى تېجەپ قالالايدۇ».

70 يىلدا بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزدى، شىنجاڭ توكىنى پەقەت يەتتە مىللىسېكۇنتتىلا چۇڭچىڭغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇپ بولغان «ئۈچ تۇراقلىق، ئىككى ئۆزگىرىشچان» سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان بەش لىنىيەگە، «ئوت، سۇ، شامال، يورۇقلۇق»تىن ئىبارەت كۆپ خىل ئېنېرگىيەنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تايىنىپ، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئۇدا بەش يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى «يورۇتتى».

2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭ بولۇپ، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئاران 1 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 200 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيتتى.

ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىندى... دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى

2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەركىزى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق راخمان ئابدۇرېھىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش تاڭ سەھەردە يۈز بەردى، بەختكە يارىشا ئەمىن ئۆيلىرىمىز ئۆرۈلۈپ چۈشمىدى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ھېچ ئىش بولمىدى».

شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. 2004 - يىلى، شىنجاڭ يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى. بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، راخمان ئائىلىسىدىكىلەر 2009 - يىلى كونا كېسەك ئۆيى بىلەن خوشلىشىپ، 45 كىۋادرات مېتىرلىق خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئەمىن ئۆي، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2011 - يىلى شىنجاڭدا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. 2017 - يىلى، راخمان ئائىلىسىدىكىلەر يەنە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيدە ئىچىدىغان سۇ تۇرۇبىسى - يۇندى تۇرۇبىسى، توك، ئىسسىنىش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئۇنى «خاتىرجەم، راھەت ئولتۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 730 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتتى.

راخمان باشتىن كەچۈرگەن تۇرالغۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن سىجىل تىرىشچانلىقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، دىققەتنى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇردى.

مائارىپ ئىشلىرى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن كۆپرەككە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى. 2024 - يىلى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 63كە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن 24ى كۆپەيدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، كىرىم مۇقىم ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2012 - يىلىدىكى 12 مىليون 460 مىڭ كىشىدىن كۆپىيىپ 2024 - يىلىدىكى 13 مىليون 910 مىڭ كىشىگە يەتتى. 2024 - يىلى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 42 مىڭ 820 يۈەن، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 427 يۈەن بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 23 مىڭ 801 يۈەن ۋە 12 مىڭ 551 يۈەن ئاشتى.

سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى. 2024 - يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى 19 مىڭدىن ئاشتى، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى خادىملار ئومۇمىي سانى 314 مىڭ 600گە يەتتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 1949 - يىلىدىكى 30 ياشتىن 2024 - يىلىدىكى 77 ياشقا ئۆرلىدى.

بىپايان قۇم دېڭىزى بويىدا، شىنجاڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغدىدى؛ ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە، شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بېيىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، تۇرمۇشى گۈزەللەشتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى «يۈز ئائىلە زىياپىتى»دە، ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۆزلىرى ئەڭ ئوخشىتىپ ئېتىدىغان قورۇمىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ، مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق بەھرىلەندى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى»دە، ھەر مىللەت توپ مەستانىلىرى ئۆزلۈكىدىن كوماندا تەشكىللەپ، بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلەندى... شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭدا سىجىل قانات يايدۇرۇلغان بىر تۈرلۈك پائالىيەت. 2016 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە، مىليونلىغان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى، چېچەكلىتىپ مېۋىلەتتى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم يول. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، ئون ياشلىق پاتىمەخان پەرھات تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بېيجىڭغا باردى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھاياجانلىق ياشلىرى مەڭزىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، ۋەتەنگە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت ئىزھارىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ كۇچادىكى كۈسەن تار كوچىسىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. يېشى 60تىن ئاشقان پەرھات ئىمىن ساماۋار ئۇسسۇلى ئويناپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

باشقا جايلارغا بېرىپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش - ئالماشتۇرۇشتىن تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان ساياھەت ھەمتۈرتكە پائالىيەتلىرىگىچە، شىنجاڭدا مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«مەدەنىيەت بىلەن ئۇسسۇل ھاياتىي كۈچكە ئىگە، كۆپچىلىككە ئويناپ كۆرسىتىشىمىز، ياشلارغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك» دېدى پەرھات. ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، ساماۋار ئۇسسۇلى بۈگۈنكى كۈندە كۈسەن تار كوچىسىدا داڭ چىقاردى، بۇ دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

2023 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىش» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بىر تۈركۈم زامانىۋى كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، بۈك - باراقسان ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى، موتور بەرپا قىلدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا، ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاقلىشىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەت ئورتاق يۇغۇرۇلغان ئىناق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ئانار دانىلىرى» بارغانسېرى زىچ ئۇيۇشتى.

غەربكە ئېچىۋېتىش قۇۋۋىتى جۇش ئۇردى

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا رېلىسلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كېشەك كىران ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشقا ھازىرلانغانىدى. بۇ جايدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە يېتىپ بارىدۇ، خەلقئارا چوڭ يول تېز ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ ئەندىزىسىدىكى خاس رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تورى، تاشيول تورى، ئاۋىياتسىيە تورى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، شەرقتە دۆلەت ئىچى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە تىرەك بولىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى تېز شەكىللەندى.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايون ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ «يۇقىرى قىممىتى» كۈنسېرى گەۋدىلەندى. شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى لىنىيەسى 595كە يېتىپ، 25 خەلقئارا يولۇچى توشۇش لىنىيەسى 17 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، «شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەندىزىسى شەكىللەندى.

جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 434 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئۈچ پەللىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

قورغاس پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا، قازاقىستانلىق سودىگەر نۇربېك مۇنداق دېدى: «ھازىر يان تېلېفون ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق تاموژنىغا مەلۇم قىلىمىز، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە پەقەت ئۈچ سائەت كېتىدۇ، بۇ ئون يىل ئىلگىرىكىدىن سەككىز ھەسسە تېزلەشتى.» ئۈنۈمنىڭ بۇنداق ئۆسۈشى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىدىن كەلگەن: «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» «ۋوگزالغا كەلگەن ھامان بىۋاسىتە قاچىلاش» قاتارلىق ئىسلاھاتلار، «ئاقىل پورت» قۇرۇلۇشى لايىھەسى يولغا قويۇلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، پورت قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

ئىلگىرىكى «چەت، يىراق رايون»دىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك تۈگۈنلۈك ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، «ئاسىيا - ياۋروپاغا تۇتاشقان چوڭ يول»نىڭ يېڭى مەنزىرىسى سىجىل نامايان بولدى.

بىپايان چېگرا رايون تەدرىجىي يۈكسەلمەكتە...

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.