تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش | توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن سالمون بېلىقى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2500 توننا بولدى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 5800 توننا ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە، مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن كەلگەن بەزى ئېكسپورت زاكازلىرىمۇ بار» دېدى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى باۋ شىچاۋ. 

    شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ، سالمون بېلىقىنى بېقىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

    «بۈگۈن دېڭىز-ئوكياندىن يىراق تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۇ ئامبارلىرىدا، سالمون بېلىقىنى شۇنچە چوڭ كۆلەمدە بېقىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا گۇۋاھ بولۇپ، ئىلگىرىكى تونۇشىمىز ئۆزگەردى، گۈزەل شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىمىز ئاشتى» دېدى خۇبېي گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدىكى تور ساندۇقىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، باقمىچىلىق بازىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، لياۋنىڭ گېزىتى مۇخبىرى لى بىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نيې شوۋيۈەن كېمە بىلەن سالمون بېلىقى توشۇماقتا.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، باقمىچىلىق ئاساسىي تور ساندۇقىدا بېقىلىۋاتقان سالمون بېلىقى سۇ يۈزىدە پىلتىڭلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.