ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا قاراجون يايلىقىغا 950 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنىدى، بۇ يىلدىن ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 170 مىڭغا يېقىنلاشتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنىغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز»، دېدى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ قاراجون مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى چىجيەن.
شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجون يايلىقىغا كېلىپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئىگىلىدى.
«بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، قاراجون يايلىقىدا مۆلدۈر ياغدى، بىردەمدىلا پۈتكۈل يايلاق ئاپئاق تۈسكە كىردى، 20 مىنۇتتىن كېيىن يەنە قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئالتۇن رەڭلىك يايلاقنى كۆردۇق، مانا بۇنى ئۆزگىچە كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى دەيمىز، تېزدىن قاراجون يايلىقىغا كېلىپ، بىپايان دالىدا كىشىلىك ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىڭ!»، دېدى گەنسۇ گېزىتى مۇخبىرى بەي لىڭيۈەن.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر قاراجون يايلىقىدا ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر مۆلدۈر يېغىشتىن بۇرۇن قاراجون يايلىقىدا ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر مۆلدۈر يېغىۋاتقان قاراجون يايلىقىدا ماڭماقتا.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سەنشى گېزىتى مۇخبىرى دۇەن ۋېيخۇا يايلاقتىكى مۆلدۈرنى سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، چارۋىچى مۆلدۈردىن كېيىنكى قاراجون يايلىقىدا موتوسىكلىتلىق كېتىۋاتماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






