

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
— 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق كۆرسەتتى






