تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان داغدام يول

□شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا».

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تارىخىي جەريانى، ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ۋە نۇرغۇن پاكىت ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ھاسىل قىلغان تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى قەتئىي ئىرادە ۋە قەتئىي ئىشەنچ تولۇق نامايان قىلىندى.

چېگرا رايون مۇقىم بولسا دۆلەت تىنچ بولىدۇ، چېگرا رايون گۈللەنسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم رايون. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇملۇقى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆزىتىپ، پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنلىنىپ تاۋلىنىشى ۋە ئىجادىي راۋاجى، شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان داغدام يول، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى تارىخىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە مالىمان بولۇشتىن مۇقىم بولۇشقا، مۇقىم بولۇشتىن ئىدارە قىلىنىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشكىچە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ تولۇق بولۇشتىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈشكىچە... يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ماس ئورتاق ئىلگىرىلىدى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇپ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، چېگرا رايوندا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى تىرىشىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىلدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ - ئىناق، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باستى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاجلاندى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. يېڭى تارىخىي مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.