− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش سەھىپىسى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋلۇڭ، دۇ گاڭ، سۈن جې
دەرەخنى ئېگىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ دەريا سۈيىنى يىراققا ئاققۇزۇش ئۈچۈن، جەزمەن بۇلاقنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
2014 - يىلى 5 - ئايدا، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى، «شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.
ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش
بۇ يىل 2 - ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئەۋەتكەن 13 خىزمەت ئەترىتىدىكى 100دىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى 2025 - يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى، بۇ، شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك قۇرۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
2014 - يىلى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈمەنلىگەن ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ كەنتتە تۇردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كۈچنى تولۇقلاش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلىماقتا.
كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى بىر تۈركۈم كادىرلارنى تەربىيەلىدى. «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇشتىن شۇ يېزا، شۇ كەنتتە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنى تاللاپ تەربىيەلەش، زاپاس تەربىيەلەشكىچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنت كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يېتەكلەشتىن كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، ھەر مىللەت كادىرلار «مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلدى.
ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلار يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن يۇڭخۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ چەك - چېگراسى ئايدىڭلاشتى، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى <تۆمۈر تاپان>نى تاۋلاپ چىقىشقا سەرپ قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلار يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى مەھەللىدە «يېقىن قوشنىلار ئەتكەنچاي يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، مەسىلىنى ئەتكەنچاي ئۈستىلىگە قويۇپ، ئەقىل - پاراسىتىنى ئەتكەنچايغا سىڭدۈرۈپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، مەھەللىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ خىل مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرماقتا.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يار - يۆلەك بولۇشىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەلىك سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش تەجرىبىخانىسى بۇ يىل 9 - ئايدا 43 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىقتىدارىنى رەسمىي ھازىرلاپ، ئىلگىرىكى سۇ ئەۋرىشكىسىنى باشقا جايغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىتىش تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، ئېگىزلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى.
2010 - يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ھەم بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچ قوشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كۈچ ئۇلاپ تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.
تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى جياڭسۇ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە، سانلىق مەلۇماتنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ تۇرىدىغان چوڭ ئېكران مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئۆرلەش ئىزىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى − %72.51تىن %89.08كىچە، يەنە %93.08كىچە. نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەكتەپ ياتاقلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىن باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقىچە بولغان ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولۇش بار.
شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى، شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىدە، قۇتۇبى ئېلېكتىرونلۇق سودا پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ، شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى.
داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەربىر ھاياتلىقنى قوغدىماقتا. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان خەتەرلىك، ئېغىر «پىرو تەرتىپ ئالامىتى» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بوۋاقنىڭ تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئارقا سەپ كوللېكتىپىنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىرنى ھالقىپ ھاياتلىق كۈچ ئۇلاش نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ جانلىق تەسۋىرى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 200 مىليارد يۈەن(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ى ناھىيە ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا، %80ى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك كۈچ قوشتى.
غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى بېيىتىش
جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىم رۇەن سىيا ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۆپ پارامېتىرلىق مۇرەككەپ سىگنال بېرىش يۈزلىنىشى ۋە گۇرۇپپا ھالىتى سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشىلاپ، 100 قۇدۇق ئارىسىدىكى تارتىلىدىغان قۇدۇقلارنى ئاپتوماتىك تارتىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئورۇندايدۇ.
«چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشنى، نېفىت كەسپىنى تاللىغان ئىكەنمىز، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك!» 2020 - يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن رۇەن سىيا قاتارلىق 118 داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك بېيىتتى.
يېقىنقى يىللاردا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يەنە 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش، كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتۇش، كەسىپنى خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2022 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى ۋە جەلپ قىلدى.
كەڭ ياشلار خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان ئالتە يىلدا، بېيجىڭ داشۆدە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەن يۈ يۈ شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ كىيىم - كېچەك كەسپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش رايونى ۋە ئۈزۈمنى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش رايونى بەرپا قىلىپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇلۇغچات بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يۈ يۈ مۇنداق دېدى: «تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىمەن».
يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)






