تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«ئالما شاھى» تېخىمۇ بازار تاپتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«يېقىندا ئېكسكۇرسىيەگە كەلمەكچى بولغانلار ناھايىتى كۆپ، باغقا كىرىدىغانلار سانىنى تىزگىنلىشىم كېرەك، ئالمىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى پىشىشىغا تەسىر يەتسە بولمايدۇ، سىلەر بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىڭلار.» 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئائىلىسىنىڭ ئالمىلىق بېغىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇۋاتقان ۋاڭ خۇڭمېي يەنە بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىش تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن شۇنداق جاۋاب قايتۇردى.

ۋاڭ خۇڭمېي ساياھەت يېتەكچىسى، شۇنداقلا «ئىككىنچى ئەۋلاد باغۋەن». 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە سىچۇەندىكى يۇرتىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى (ھازىرقى شىنجاڭ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى)غا كەلگەن. ئۇ چاغدا، كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى، ۋاڭ خۇڭمېينىڭ دادىسى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 15 مو قاقاسلىقنى ئۆزگەرتىپ ئالمىلىق باغ بىنا قىلدى.

2020 - يىلى، ۋاڭ خۇڭمېي ئائىلىسىنىڭ ئالما كۆچەتلىرى بىلەكتەك توملۇقتا يوغىنىدى. بۇ چاغدا، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ «ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى»نىڭ داڭقى ھەممە جايغا تارالغان بولۇپ، ھەر يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، بۇ جايغا كېلىپ ئالما زاكاز قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. «10 شەھەر، 100 دۇكان» «شىنجاڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى خۇڭچىپو ئالمىسىنى «ئالما شاھى»غا ئايلاندۇردى.

خۇڭچىپو ئالمىسى بارغانسېرى داڭق چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ خۇڭمېي بۇنىڭدىن ئۆزىگە خېلىلا بېسىم ھېس قىلدى. بازار رىقابىتى كەسكىن بولۇپ، ئەگەر مېۋە شەكلى، تەمى قاتارلىقلار بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمىسا، «تالىشىش»تا ئۇتتۇرۇپ قوياتتى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ دادىسى يەنىلا ئەنئەنىۋى مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىش قىلىش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى قوللانغاچقا، ياخشى بايلىق، ياخشى ماركا قولىدا بولسىمۇ، بىر يىل جاپالىق ئىشلىگەن بىلەن پەقەت دەسمايىسىنىلا ساقلاپ قالالايتتى.

2021 - يىلى ئەتىيازدا، ۋاڭ خۇڭمېي باغنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دەرەخ شاخلىرىنى چاتاپ، چېچەك ۋە مېۋىلەرنى شالاڭلىتىپ، ئورگانىك ئوغۇت بەردى، يەنە ھۈنەرۋەنلەرنى تېپىپ كېلىپ، ئېتىز بېشىدىكى كېسەك ئۆيلەرنى چېقىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغىلى بولىدىغان يېڭى ئۆي سالدى، يەنە مۆلدۈردىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئورناتتى.

«دادام باغدىكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ ھەرىدىلىپ كىچىك دەرەخ بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باغنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاز پۇل خەجلىمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدا كۈندە مېنى ئەيىبلەپ كەتتى» دېدى ۋاڭ خۇڭمېي ئەسلەپ تۇرۇپ.

ھالبۇكى، ھوسۇل پەسلى باغ - ئورمانچىلىقنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. «مېۋىلىك باغ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، تاۋار مېۋە نىسبىتى %60تىن ئېشىپ %90تىن كۆپرەككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دىيامېتىرى 100 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان، يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 450 گىرام ئەتراپىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن كۆپرەك بولدى.» ۋاڭ خۇڭمېي مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئالاھىدە دەرىجىلىك مېۋىلەرنى تاللاپ، ھەر بىر ساندۇقتىكى توققۇز تال ئالمىنى 188 يۈەنلىك باھادا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردىم، نۇرغۇن كىشى مېنى «ئالما شاھى» دەپ ماختىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ خۇڭمېينى ئىزدەپ ئالما سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۆزى ئۆستۈرگەن ئالمىنىڭ شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ۋاڭ خۇڭمېي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «مېۋىلىك باغ سەيلىسى»نى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ مېۋىلىك بېغىدا ئالما ئۈزەلەيدۇ، يەنە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگەلەيدۇ. «ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن، ئۇلار شېخى كۆتۈرەلمەي قالغان چوڭ ئالمىلارنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغىنىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالىدۇ» دېدى ۋاڭ خۇڭمېي.

شىنجاڭ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، 2024 - يىلى ئومۇمىي ھوسۇلى 250 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالما كەسپىدىكى باشلامچى ئورۇندا مۇقىم تۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز كونا مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ۋە «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «خۇڭچىپو» ماركىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھەتتا خەلقئارا بازاردا تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.