9-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قىزىلسۇ ئوبلاستى دېيىلدى)نىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى چۆللۈكتە، 123 يېپيېڭى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەنجۈر پارنىكى تېز سۈرئەتتە ياسىلىۋاتاتتى، سۈنئىي كۆل، كۆرگەزمە باغچىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى. كەلگۈسىدە، مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئەنجۈر يېزا ئىگىلىك كەسپى ئۈلگە باغچىسى بۇ جايدا قەد كۆتۈرىدۇ.
يىراق-يېقىنغا داڭلىق «ئەنجۈر ماكانى» بولغان ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات شارائىتى ئەنجۈرنىڭ ئۆسۈشىنى تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، ئەنجۈرنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا بولۇش، پەسىلسىز بازارغا سالغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەيدېكۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، قىيىن مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىپ، ئەنجۈرنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇقىم بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن ئەنجۈرلەر 7-ئايدىن 10-ئايغىچە بازارغا سېلىنىدۇ؛ بۈگۈنكى كۈندە تېخنىكا يېڭىلاش ئارقىلىق، پۈتۈن يىلدا مېۋە بېرىش، 365 كۈن ئۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «تەبىئىي شارائىتقىلا تايىنىپ ھوسۇل ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تارقاق بولۇش»تەك ئەنئەنىۋى ئەندىزە ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىلدى» دەپ تونۇشتۇردى بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى تاۋ لى.

«بوجىخۇڭ» ئەنجۈرى سورتىنى پامىر ئېگىزلىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈش ئۈچۈن، كارخانا تۈپلەرنى پاكارلاشتۇرۇش ۋە كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، شاخلارنىڭ باراقسان ئۆسۈشىنى كونترول قىلىپ، مېۋە شاخ ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ، «بىر يوپۇرماقتا بىر مېۋە» بولۇشتەك يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېۋە بېرىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا، نەملىكنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، سۇغىرىش-ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئەنجۈرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئەسلىدىكى 800 كىلوگىرامدىن 4000 كىلوگىرامغا يېتىپ، باغۋەنلەرنىڭ پايدىسى بەش ھەسسە كۆپەيدى».
ھوسۇلنىڭ ئېشىشى بىلەن ئەنجۈرنىڭ «قەدىمى» بارغانسېرى يىراقلارغا يەتتى. «سوغۇق زەنجىر تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بىزنىڭ يېڭى مېۋىلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاتۇش ئەنجۈرىنى يېيەلەيدىغان بولدى» دېدى تاۋلى.
ياخشى مېۋە تېرىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، قانداق قىلغاندا ئىنچىكە پىششىقلاش بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، كارخانا 1-، 2-، 3-كەسىپنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت جاۋابنى بەردى.

«بىز ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق، ھازىر مېۋە قېقى ئۇششاق يېمەكلىكى، ساغلاملىق ھارىقى، ئىستىراھەت چېيى، ھۆسن تۈزەش-تېرە ئاسراش، ساغلاملىق-كۈتۈنۈشتىن ئىبارەت بەش چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنى شەكىللەندۈردۇق. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك ئەنجۈر يېزا ئىگىلىك كەسپى ئۈلگە باغچىسى يەنە ساياھەتچىلەرنى <ئۈزۈش-ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش-ئەنجۈر مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش-بېلىق تۇتۇش، دالىدا قونۇشنى ھېس قىلىش، گۈلخان كېچىلىكى> دىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك يېزا ئىگىلىكى-مەدەنىيەت-ساياھەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى تاۋلى تولۇقلاپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرى ئەنجۈر كەسپىنى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى قىلىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش ھەم مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرما، پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. ئازغان ئەنجۈر خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرە رايونىلا «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن ئامىللىق ئېچىشقا تايىنىپ، يىلىغا 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 700دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ساياھەت تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. «ئەنجۈر +»نىڭ يۇغۇرما يولى بۇ «شېكەر مانتا»نى خەلقنى بېيىتىپ، كەنتنى گۈللەندۈرىدىغان يېڭى مېۋىگە ئايلاندۇردى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاتۇش شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك ئەنجۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەنجۈر كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنجۈر كەسپىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كۆپەيتكىلى ۋە كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ خاس كەسىپ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىدۇ. (ئامما خەۋەرلىرى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭ)






