تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «2012-يىلىدىن ئىلگىرى سايرام كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى 3-دەرىجىلىك ئىدى، تۈزەش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، سۇ سۈپىتى 2-دەرىجىگە ئۆستى، بەزى رايونلار يەنە 1-دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتتى، بىۋاسىتە ئىچىشكە بولىدىغان بولدى، كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىمۇ 12 مېتىردىن 16 مېتىرغا يەتتى». 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بايلىق-مۇھىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىنژېنېرى ئابدۇۋەلى ئابلىز شۇنداق دېدى.
شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداشتا قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.
«قۇياش نۇرى بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئاق قۇلار ئۈزۈپ يۈرگەن كۆل يۈزىگە چۈشتى، سۇ دولقۇنى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ بىر خىل خىيالىي رەڭ بېرىپ تۇراتتى، كېيىنچە مەن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم كېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئارتۇق تۇرغاندا ئاندىن بۇنى تولۇق ھېس قىلالايمەن» دېدى خېبېي گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جوۋ سۇڭسۇڭ.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، سايرام كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئېگىزدىن نەزەر.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر سايرام كۆلى بويىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر سايرام كۆلى بويىدا سۈرەت تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى بويىدا سەيلە قىلماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






