تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان «ئالتۇن بۈركۈتنىڭ بۇغا ئوۋلىشى» «ئالتۇن دۇلدۇل» «ئالتۇن ئۈزۈك»تىن ئىبارەت مۇزېينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئۈچ گۆھىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئىخىتىيارسىز توختاپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت كوللېكتىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيغا كىردى.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېي «ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيلىك ئىزنالىرى»نى مۇقەددىمە قىلىپ، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار ۋە تارىخىي ھۆججەت-ماتېرىياللار ئارقىلىق قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى سىزىپ چىقتى. «تەبىئىي مەنزىرە ۋە بايلىقلارنىڭ جەلپكارلىقى غەربىي چېگرادا» كۆرگەزمە زالىدا، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ھەيۋەت، گۈزەل ئېكولوگىيەسى ۋە ئۆزگىچە بايلىق، مەھسۇلاتلىرى ئەۋرىشكە، سىن، سۈرەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جانلىق نامايان قىلىندى. «خەلق ئۆرپ-ئادىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى» بۆلىكىدە، قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى ۋە تۇرمۇش مەنزىرىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ياغاچ ئويما، كەشتە، چالغۇ قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تارىخىي ئەسلىمىلەرنى جانلىق بايان قىلدى.
تاراتقۇ مۇخبىرلىرى «قەھرىمانلىق ئېپوسى <ماناس>−جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى» كۆرگەزمە زالىنىڭ مەزمۇنىغا كۈچلۈك قىزىقتى. قىرغىز مىللىتىنىڭ «قامۇسى» بولغان «ماناس» ناخشا تېكىستى، كىيىم-كېچەك ھەم كۆپ ۋاسىتىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسى بولۇشتەك ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلغان. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك» كۆرگەزمە زالىدا، قەدىمىي يول ئىزنالىرى بىلەن سودا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يىپەك يولىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئاۋاتلىقىنى قايتا نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت گىرەلىشىش تۈگۈنى بولۇشتەك تارىخىي ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى. «چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قىزىل قورغىنى» كۆرگەزمە زالىدا، تارىخىي ئەمەلىي بۇيۇم ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق قىزىلسۇ ئوبلاستى ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ چېگرا رايوننى قوغداشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىپ، مۇخبىرلاردا چوڭقۇر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان «ئالتۇن بۈركۈتنىڭ بۇغا ئوۋلىشى»«ئالتۇن دۇلدۇل»«ئالتۇن ئۈزۈك»تىن ئىبارەت مۇزېينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئۈچ گۆھىرى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ «خەلق ئۆرپ-ئادىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى» كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى(9-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، «چۇڭچىڭ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سەي جېڭفېن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېيىنى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ «تەبىئىي مەنزىرە ۋە بايلىقلارنىڭ جەلپكارلىقى غەربىي چېگرادا» كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






