تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىستېما بولغاندىن بۇيان، بىز جىددىي ئەھۋاللارنى يىراقتىن، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدۇق، 1-سەپتىكى چارلاپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى ۋە خىزمەت مىقدارى خېلىلا ئازايدى» دېدى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش-باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىڭچى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى چېن چىلياڭ بەن−گۇرۇپپىسىنىڭ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىدا كاچالكىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شۇ كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى كوللېكتىپىدىكىلەر قاراماي شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىغا كېلىپ، چېگرا رايوندىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ نېفىت ئىزدەش تارىخىدىن كۆپ تۈردە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رېكورتىنى ياراتقانلىق، جەمئىي 100 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 101-بەن-گۇرۇپپىسىنىڭ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى چېن چىلياڭ بەن-گۇرۇپپىسىنىڭ بەنجاڭى چېن چىلياڭ كاچالكىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






