تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش | شىنجاڭدىكى بۇ كەنت بەك قالتىسكەن! 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيى قۇرۇپتۇ!

   پۈتۈن كەنتتە 4000دىن ئارتۇق ئادەم بار، سەككىز پۇتبول كوماندىسى بار؛ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەتىگەن، چۈش، كەچتە بالىلارنىڭ پۇتبول مەيدانىدا خۇشال ئويناۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئۇلار مەخسۇس بىر مۇزېي قۇرۇپ، كەنتنىڭ پۇتبول مەدەنىيىتىگە 100 يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنلىك ھېكايىسىنى بايان قىلدى. بۇ كەنت «ئېكساق» دەپ ئاتىلىدۇ.

   9-ئاينىڭ 17-كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان شىنخۇا گېزىتى . كېسىشىش نۇقتىسى (新华日报·交汇点) پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ئېكساق كەنتىگە كېلىپ، قويۇق پۇتبول مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

   جياڭسۇ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان ئېكساق 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيى بۇلتۇر 9-ئايدا پۈتۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. مۇزېينىڭ سىرتقى تېمى پۇتبول ھەرىكىتى مەنزىرىسى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم، ئاددىي، باش تېمىسى روشەن ئىدى. 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتا كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمە تاختىسى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى شۇ جاينىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى خاتىرىلىگەنىدى.

   1908-يىلىلا، كەنتتە «توپخانا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاددىي پۇتبول مەيدانى ياسالغان بولۇپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېرە توماققا ئوخشاپ كېتىدىغان «پۇتبول»نى تېپىپ ئويناپ، تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغان.

   1927-يىلى ئېشەك مىنگەن، يالاڭئاياغلىق بارغان ئېكساق كەنتىنىڭ پۇتبولچىلىرى 2:1 ۋە 7:0 نەتىجە بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە كوماندىسى ۋە شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، قەيسىرانە كۈرەش ئىرادىسى ۋە تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلغانىدى. بۇ ئىككى مەيدان غەلىبە كەنت ئاھالىلىرى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك ھېكايىگە ئايلانغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكساق قاتارلىق كەنتلەردە، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. پۈتۈن بازاردا ھازىر 22 پۇتبول مەيدانى، 39 پۇتبول كوماندىسى، ئۈچ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كۇلۇبى بار، ھەر يىلى 60 مەيداندىن ئارتۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

   100 يىللىق پۇتبول مۇزېيىنىڭ ئەتراپىدا 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئېكساق باشلانغۇچ مەكتىپى بار. مۇخبىر مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانىغا كەلگەندە، دەل ئىككى كوماندا مۇسابىقىلىشىۋاتاتتى. كىچىك توپچىلار يۈگۈرۈپ، قوغلىشىپ، ۋارقىرشاتتى، ئاۋازلىرى نازۇك بولسىمۇ، ئەمما كۈچكە تولغان ئىدى. مەيدان ئەتراپىدا ئاساسىي مەشىق قىلىۋاتقان، ئەركىن ئويناۋاتقان كىچىك توپچىلار مۇخبىرنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. شوخ بالىلار بەس-بەستە ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئۇلار 2-يىللىقتىن بولۇپ، 1-يىللىقتىن باشلاپلا پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان ئىكەن.

   مەكتەپ مۇدىرى ئەكرەمجان ئابدۇراخمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەكتەپتە 16 سىنىپ بار، ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسىدىن ئىككىنى، قىزلار  پۇتبول كوماندىسىدىن بىرنى تەشكىللىدۇق. بۇ «مەملىكەت بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىقى بار مەكتەپ»تە، بالىلار ھەپتىدە ئۈچ سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ بىرى پۇتبول دەرسى. پۇتبول دەرسىدىن باشقا، كىچىك توپچىلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، يېرىم سائەت مەشىق قىلىدۇ؛ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىر ئاز ئارام ئېلىپ، پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ توپ ماھارىتىنى مەشىق قىلسا بولىدۇ؛ چۈشتىن كېيىنكى ئىككى سائەتلىك دەرستىن كېيىنكى كۇرۇژۇك ۋاقتىدا يەنە پۇتبول تەپسە بولىدۇ. يەنە بەزى بالىلار ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كەنتتىكى پۇتبول كۇلۇبىغا بېرىپ سىستېمىلىق مەشىق قىلىدۇ.

   «ئويۇنغا ئامراق بولۇش بالىلارنىڭ تەبىئىتى. نۇرغۇن بالىلار: توپ تېپىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك، توپ تېپىش خۇشاللىق ئۈچۈن دېيىشىدۇ» دېدى ئەكرەمجان ئابدۇراخمان.

   ئېكساق كەنتى جايلاشقان ئاتۇش شەھىرىنىڭ «100 يىللىق پۇتبول ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، كىشىلەر دائىم «يول ماڭالىسىلا پۇتبول تېپەلەيدۇ» دېگەن سۆز بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ پۇتبول گېنىنى سۈپەتلەيدۇ. 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيى جىمجىت ھاللەتتە «كەنت بىلەن پۇتبولنىڭ ھېكايىسى»نى بايان قىلىپ تۇرىدۇ، پۇتبول مەيدانىدىكى بالىلار «خۇشاللىق»نى نامايان قىلىدۇ. مۇخبىر «بىر جىمجىتلىق، بىر ھەرىكەت»نى كۆرۈپ، ئېكساق كەنتى، ئاتۇش شەھىرىدە پۇتبولنىڭ بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل مەدەنىيەت بەلگىسى ۋە مەنىۋى رىشتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

شىنخۇا گېزىتى . كېسىشىش نۇقتىسى مۇخبىرى شۈ گۇەنيىڭ \ مەزمۇننى تەييارلىغۇچى، ساۋ ياڭ \ سىن

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.