تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سايرام كۆلى بېلىقى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئاشخانىسىغا كىردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەر سائەت 5تە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تېخى تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا، سايرام كۆلىدىكى ئون نەچچە بېلىقچىلىق كېمىسى جىمجىت كۆل يۈزىنى يېرىپ ئۆتتى، خىزمەتچىلەر بېلىق تورلىرىنى يىغىپ، پىلتىڭلاپ تۇرغان قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقلىرىنى سۈزۈۋالدى.

«خېلى بۇرۇنلا <سايرام كۆلىدە بېلىق يوق> دېگەن قاراش بار ئىدى، مەن ناھايىتى تېڭىرقاپ قالدىم، بۇنداق گۈزەل كۆلدە پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان بېلىقلار كەم بولسا قانداق بولىدۇ؟» دېدى شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سايرام كۆلى بېلىقچىلىق شىركىتى» دېيىلىدى) سايرام كۆلى بازىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇربات.

سايرام كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2071 مېتىر بولۇپ، سۇ «پەقەت كىرىدىغان، چىقمايدىغان» ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ كۆلى، تىيانشان تاغ تىزمىلىرىدىن ئېرىگەن قار سۇلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ، ئاز مىقداردا سىڭىپ ۋە ئاتموسفېرادا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندىن باشقا، كۆل سۈيىنىڭ ھېچقانداق چىقىش ئېغىزى يوق. كۆل يۈزىدە ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر نامايان بولىدۇ، لېكىن كۆلدە بېلىق بولمىغاچقا، ھاياتىي كۈچى كەمچىل بولۇپ قالغانىدى.

سايرام كۆلىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 20 - ئەسىرنىڭ 70 -، 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار سايرام كۆلىدە «بېلىق پەيدا قىلىش» ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بېلىق سورتى كىرگۈزۈش جاپالىق سىنىقىنى باشلىدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى بېلىجانلارنى ئېلىپ كۆل بويىغا كېلىپ، تالاي قېتىم ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۆلگە قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارقا - ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بەزى بېلىجانلار كۆلگە قويۇپ بېرىلىپلا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا ماسلىشالماي ئۆلۈپ قالدى، بەزىلىرى ھايات قالغان تەقدىردىمۇ، يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، «موردا بېلىق»قا ئايلىنىپ قالدى.

1998 - يىلى 4 - ئايدا، بورتالا ئوبلاستى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيەدىن 1 مىليون دانە قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى تۇخۇمى ۋە 1 مىليون دانە پېتىنقى كۆزلۈك سالمون بېلىقى تۇخۇمى كىرگۈزۈپ، ئارشاڭ ناھىيەسىگە ئاپىرىپ سۈنئىي يېتىلدۈرۈپ، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 980 مىڭ بېلىجاننى يېتىلدۈردى، ئىككى خىل بېلىجاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مىللىمېتىرغا يەتكەندە، ئۇلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ سايرام كۆلىگە قويۇپ بەردى.

بۇ قېتىمقى بېلىجان قويۇپ بېرىش يەنە مەغلۇپ بولارمۇ؟ بىر يىلدىن كېيىن، پەن تەتقىقات خادىملىرى «سوغۇق سۇ بېلىقى خانىشى» دەپ نام ئالغان قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنىڭ ھايات قېلىپلا قالماي، يەنە جىنسىي بەزلىرىنىڭ ياخشى يېتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر تۆت يىلدا ئېغىرلىقىنىڭ مۇقىم سۈرئەتتە تەخمىنەن بىر كىلوگىرام ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

2003 - يىلى، سايرام كۆلى بېلىقچىلىق شىركىتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، «بېلىق بېقىش»نىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئارشاڭ ناھىيەسىدە سوغۇق سۇ بېلىقى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇردى، سايرام كۆلىدە سايرام كۆلى بېلىقچىلىق مەيدانى قۇردى، يەنە ئارشاڭ ناھىيەسى سايرام كۆلى قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، سايرام كۆلى بېلىقچىلىق شىركىتى جۇڭگو سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاكادېمىيەسى خېيلۇڭجياڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنى، داليەن دېڭىز - ئوكيان داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇ جانلىقلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم رۇسىيەدىكى بېلىقچىلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەتقىقات - ئېچىش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇپ، بىرلىكتە تەتقىقات - ئېچىش كوللېكتىپى تەشكىللىدى، باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭ كورېگونۇس بېلىقى، تىروت بېلىقى قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيە بىرلەشمىسىنى قۇردى، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئارشاڭ ئۇنىۋېرسال سىناق پونكىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى سايرام كۆلىنىڭ «ئائىلە ئەزاسى»غا ئايلاندى. ئۇلار سايرام كۆلىدە ئەركىن - ئازادە ياشاپ، سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىغا سىڭىشىپ كەتتى، كۆلدىكى لەيلىگۈچى جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىپ، ئۆز رىتىمى بىلەن ئاستا - ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز ئۇسۇلى بىلەن سايرام كۆلىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە سايرام كۆلىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

سايرام كۆلى بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بېلىق تۇتۇش مەزگىلىدە، ئالاھىدە ياسالغان بېلىق تورى بىلەن يېتىلگەن قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنى تۇتۇپ، سوغۇق ساقلاش ۋە توڭلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرگە ساتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، سايرام كۆلىدە ھەر يىلى 500 توننىدىن ئارتۇق يېتىلگەن قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنى تۇتقىلى بولىدىغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 45 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. سىرتقا سېتىشتىن باشقا، سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى يېمەك - ئىچمەكلەرمۇ بىر چوڭ ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پول دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، يۇمران قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقىنى تېتىش ساياھەت جەريانىدىكى ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئىش بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.