

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا تۈزۈپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە كەڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئېچىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا چىڭ تۇرىدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندى.
— 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق مەنزىلگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى






