«شىنجاڭنىڭ 70 يىلىغا گۇۋاھ بولۇش» ناملىق يۈرۈشلۈك مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم | قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىنىڭ «ئەڭگۈشتەرى»
«پەقەت ئېشىكىم يىقىلىپ قالمىسىلا، توختىماي ماڭسام، چوقۇم بېيجىڭغا يېتىپ بارالايمەن!»
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىشى» توغرىسىدىكى ھېكايە تىللاردا داستان بولدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى كېرىيە ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان قۇربان تۇلۇم قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋ جۇشىنى يوقلاپ كېلىشنى ئويلىغانىدى. 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇربان تۇلۇم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭنەنخەيگە بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆردى.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭنەنخەيدىن كەلگەن بىر پارچە خەت كوئېنلۇن تېغى باغرىدىكى ھويلىنى يەنە بىر قېتىم ئىللىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى: «قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا ئۇنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تەسىرلەنگەن ئىدىم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلار ۋە يۇرتداشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭىز. سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...».
بۇ تاپشۇرۇق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جەمەتنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئېتىقادىغا ئايلاندى.
ھازىر، قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى−كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا قۇربان تۇلۇم ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نۇرغۇن بۇيۇملار ۋە ئىككى «ئەڭگۈشتەر» ساقلانغان، ئۇنىڭ بىرى، ماۋ جۇشىنىڭ قۇربان تاغىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۈرىتى، يەنە بىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى.
بۇ ئىككى «ئەڭگۈشتەر» قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يۇرتىدىكى خەلقنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇرتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
بۇ مىكرو ھۆججەتلىك فىلىمدە، بىز قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، قۇربان تۇلۇم روھىنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى مەتتۇرسۇن قاسىم بوۋاينىڭ قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى ۋە قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىنىڭ «ئەڭگۈشتەرى» ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

پىلانلىغۇچى: ماۋ مىڭدۇڭ، لياڭ ۋېي، پېڭ ياۋجيا
سېنارىست ۋە رېژىسسور: ئارمان رازاق
مۇخبىر: پەرىزات ئابدۇل
ئوپېراتور: يىن تۇڭيۈەن
ئىشلىگۈچى \ كېرىشتۈرگۈچى: يۈ شەن، لى جېننەن
تەشۋىقات ئېلانى: مياۋ رۇڭ
نازارەت قىلغۇچى: ماۋ مىڭدۇڭ، لياڭ ۋېي، شۆ جىڭ، گې جيەن






