تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش | شەھەر-يېزىلارنىڭ يېڭى قىياپىتى ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇ مۇخبىرلىرى كامېراسىنى جەلپ قىلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «لىفىت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، بىنادىن چۈشۈپ كۆكتات سېتىۋېلىش، سىرتقا چىقىپ مېڭىش ياشانغانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى قولاي بولدى» دېدى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، بورتالا شەھىرى لۈيۈەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىلەر بىناسىنىڭ 5-قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق پىدا ئەخمەت.

 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا شەھىرى گۆلىمتۇ كوچا باشقارمىسى شىجياۋ مەھەللىسى لۈيۈەن ئولتۇراق رايونىدا زىيارەت قىلىپ، بۇ يىل كونا ئولتۇراق رايونغا ئورنىتىلغان لىفىتنىڭ ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

    شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتى ۋە بورتالا شەھىرى گۆلىمتۇ كوچا باشقارمىسى شىجياۋ مەھەللىسى لۈيۈەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كەنت كوللېكتىپى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، شۇنداقلا شەھەردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئامما پائالىيەت مەركىزى ۋە مەھەللىلەردىكى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى زىيارەت قىلدى.

    «ئالبىن بەشىن كەنتىنىڭ رەڭدار تەخسە ۋە قولدا رەسىم سىزىلغان ياغاچ پارچىلىرىدىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلغان مەدەنىيەت تېمى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، شۇنداقلا ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن كەنتنىڭ بىر مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ»، دېدى شېنجېن ئالاھىدە رايونى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاۋ شىنمىڭ.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، شېنجېن ئالاھىدە رايونى گېزىتىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى لەي لى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت تېمىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، گەنسۇ گېزىتى مۇخبىرى بەي لىڭيۈەن (ئالدى تەرەپ سولدا) بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سۈرەتكە تارتتى ۋە زىيارەت قىلدى.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.