تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتىن بەختلىك مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقىچە

دۇبدۇن بوۋاي ئازادە، يورۇق ئۆيىدە دومبىرا چالماقتا (9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان). سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«بۇ ئىككى پارچە سۈرەتكە قاراڭ، ئون نەچچە يىلدا، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى» دېدى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئالتاي شەھىرى سارخولىسۇن يېزىسىنىڭ ساندىققۇم كەنتىدىكى، بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن دۇبدۇن بايقۇل بوۋاي ئەمىن ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئالبومنى ۋاراقلاپ كۆرگەچ. دۇبدۇن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ «سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»تىن «بەختلىك مۇقىم ئولتۇراقلىشىش»قىچە بولغان تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرى ئالبومدا بىر - بىرلەپ نامايان بولۇپ تۇراتتى.

ئالبومنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە بېتى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن كونا سۈرەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2010 - يىلى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت دۇبدۇننىڭ ئاددىي كېسەك ئۆيى ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى ئىدى. «ئەينى چاغدا بىر يىلدا بىرنەچچە قېتىم كۆچۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى، ھەر قېتىم كۆچكەندە يېرىم ئاي يول يۈرەتتۇق.» دۇبدۇننىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆتمۈشكە بولغان خۇرسىنىشى چىقىپ تۇراتتى، «كۈندۈزى قوي - كالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاراپ تۇراتتۇق، كەچتە يول بويىدا كىگىز ئۆي تىكىپ ئۇخلايتتۇق، كالا تېزەكلىرىنى قالاپ ئىسسىناتتۇق. كىگىز ئۆينىڭ ئىچى ھەم سوغۇق، ھەم نەم بولغاچقا، قىش كۈنلىرى شامال چىقسا، يوتقاندىنمۇ سوغۇق ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدىنىمىز توڭلاپ تىترەپ كېتەتتۇق».

دۇبدۇننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا ھەممىلا ئىش قولايسىز ئىدى، كۆچۈش يولىدا توك يوق ئىدى، تۈز ۋە تەكشى يولمۇ يوق ئىدى، «ئۆيىمىز كۆچمە كىگىز ئۆيلەر بولغاچقا، خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتۇق».

قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا پۈكۈلگەن بۇ ئارزۇ 2012 - يىلى رېئاللىققا ئايلاندى. ئاشۇ يىلى، دۇبدۇن بىر ئائىلە كىشىلىرى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. تەرەپ - تەرەپتە كۆچۈپ يۈرۈپ كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرۇشتىن يورۇق، پاكىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكىچە، ئۇ تاكى بۈگۈنگىچە ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەن چاغدىكى خۇشاللىقىنى ئۇنتۇيالمايدۇ: «تاملار قاردەك ئاپئاق، چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، ئاشخانىدا يېقىلغۇ گاز ئوچىقى بار، تازىلىق ئۆيىدە ھەر ۋاقىت ئىسسىق سۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم».

«بۇ، ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئۆي، ئۆزىمىز ناھايىتى ئاز پۇل خەجلىدۇق، سۇ، توك، پار ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئاچقۇچنى ئالغان ئاشۇ كۈنى ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز يېڭى ئۆينى بىرنەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىقتۇق. قىشتا مەشكە ئوت قالىمايدىغان بولدۇق، ئۆينىڭ ئىچى دائىم ئىسسىق تۇرىدۇ، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمىزنى دېمەيلا قوياي».

دۇبدۇننى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يەنە باقمچىلىق رايونى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، قوي - كالا بېقىش ئەندىشىسى ھەل قىلىنغان. «قاراڭ، ئائىلىمىزنىڭ 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ئىسسىق قوتىنىدا، 40 تۇياق سىمېنتال كالا باقتۇق، ئىسسىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى بولغاچقا، قىشتا كالىلارنىڭ توڭلاپ قېلىشىدىن ئەمدى ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق».

ئالبومنىڭ كېيىنكى بەتلىرىدىكى سۈرەتلەر بارغانسېرى رەڭدار تۈسكە كىردى.

ئالبومدىكى ئەڭ يېڭى بىر پارچە سۈرەت يېقىندىلا تارتىلغان بولۇپ، دۇبدۇن بىرنەچچە بۇرادىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۈۋاتقان سۈرەت بولۇپ، ھەربىرەيلەننىڭ چېھرىدىن ئەركىن - ئازادىلىك ئەكس ئەتكەن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. «ھازىر بىكار بولساملا پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن، شاھمات ئوينايمىز، پاراڭلىشىمىز، يەنە كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە كىتاب كۆرىمىز، بىرەر قىيىنچىلىقىمىز بولسا خىزمەتچى خادىملارنى ئىزدەشمۇ قولايلىق.» دۇبدۇن بۇ سۈرەتكە قارىغىنىدا سۆزلىرىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

كونا سۈرەتلەردىكى «سۇ، ئوت قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»تىن ھازىرقى «بەختلىك مۇقىم ئولتۇراقلىشىش»قىچە، دۇبدۇننىڭ ئائىلە ئالبومى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى بۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق يايلىقىدا دۇبدۇنغا ئوخشاش چارۋىچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، كۆچۈشتىكى جاپا - مۇشەققەتلەر بىلەن خوشلىشىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يىلتىز تارتىپ، بىر جۈپ قولى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.