تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ دولقۇن يېرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

− ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (3)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

پەقەت يەتتە مىللىسېكۇنتتىلا، شىنجاڭ توكىنى چاقماق تېزلىكىدە چۇڭچىڭغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

بۇ يىل 6 - ئايدا، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چۇڭچىڭ خەلقىگە سالقىن شامال يەتكۈزۈلۈپ، تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىمالال ئىشلىتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىدىكى ئورنىنىڭ يەنىمۇ گەۋدىلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بوران - چاپقۇنغا تولغان 70 يىلدا، بوشاشماي تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1955 - يىلىدىكى 1 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن 2024 - يىلى 2 تىرىليون يۈەننى بۆسۈپ ئۆتتى، كەسىپ قۇرۇلمىسىدا «1 -، 2 -، 3 -» كەسىپتىن «3 -، 2 -، 1 -» كەسىپكىچە بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 3 - كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمغا يېقىنلاشتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئىقتىسادنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مېھىرلىك تۇپراق بولۇپ قالدى.

يېڭى يارقىن نۇقتا: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز سۈرئەتتە شەكىللەندى

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىخەنزە شەھىرى ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى كەسىپلەر باغچە رايونىدا، شىنجاڭ تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساۋاتاتتى.

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى يېتىلدۈرۈش، ئېشىش يېڭى موتورى بەرپا قىلىش، كەسىپ يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىشىدىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلانماقتا. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۆۋەن بوشلۇق بايلىقى تولۇق، ھاۋارايى شارائىتى مۇقىم، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى مول بولۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككى يىل ئىلگىرى شىخەنزىگە ماكانلاشقان تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىپىك كەلگۈسى كەسىپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى ھەم تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك بازار يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، شىنجاڭ 2035 - يىلىغا بارغاندا ھەممىباب ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىدە نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق تۇەن - مەيدانلاردا «ھەممە ناھىيەگە تۇتاشتۇرۇش، ھەممە تۇەنگە تۇتاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارى تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە، بولۇپمۇ مول شامال، يورۇقلۇق بايلىقىغا تايىنىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رىقابەت ئەندىزىسىدە شىنجاڭنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى «ھېسابلاپ» چىقماقتا.

قارامايدىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى «چۆل - باياۋاندىكى نېفىت شەھىرى» 17000Pلىق ئەقلىي ھېسابلاش ئىقتىدارى بەرپا قىلىپ، ئۇچقاندەك ھالقىپ پۈتۈن شىنجاڭدا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان «ھېسابلاش ئىقتىدارى يېڭى شەھىرى»گە ئايلاندى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۇ جايدىكى كارخانا − قاراماي كاربون ۋە تور پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو نېفىتى قاراماي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ماينى مۇلازىمېتىر سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى قىلىپ، تولۇق چۆكمە شەكىلدە ئىسسىقلىق تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپى ھەم يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى بازىرىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتقان قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىزولياتسىيەلىك مىنېرال تىپلىق نېفىتنى ئاساس قىلغان سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، بۇ سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى مۇلازىمېتىرنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى سىلىقلاپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ ئارقىسىدا ئېلېكتىر كۈچى بار، شىنجاڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن ئېلېكتىر كۈچىنى ماسلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا، دەل «ئېنېرگىيە + ھېسابلاش ئىقتىدارى»نى بىرىكتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بار. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 200 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە تەخمىنەن %60نى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ ئېلېكتىر مەنبەسى بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، چۆل - باياۋان ئارىسىدىكى شامال گېنېراتورلىرى خۇددى ئورمانغا، يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدىغان بولۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلانماقتا.

يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

ئەگەر يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى كەلگۈسىگە تۈرتكە بولىدىغان «يېشىل موتور» دېسەك، ئۇنداقتا رەقەملىك ئىقتىساد بارلىق شەيئىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان «ئاقىل نېرۋا».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات دولقۇنى مەۋج ئۇردى، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قۇچاق ئېچىپ، بىر تۈركۈم رەقەملىك زاۋۇت، رەقەملىك يېزا - كەنت، رەقەملىك نېفىتلىك، رەقەملىك كېۋەزلىك قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى. نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە كەڭ سىڭىپ كىردى.

رەقەملىك تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا كۈچ قوشۇشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى «ئېتىزدا باش كۆتۈرمەي ئىشلەش» تارىخى بىلەن خېلى بۇرۇنلا خوشلاشتى، سۇغىرىش - ئوغۇتلاش بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ھەربىر تۈپ زىرائەتنىڭ ھەممىسىنى زاكازلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشتىن بەھرىمەن قىلدى، دېھقانلار پەقەت بىر يان تېلېفون بىلەنلا، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ 1000 چاقىرىم مۇنبەت ئېتىزنى «تىزگىنلىيەلەيدىغان» بولدى؛ رەقەملىك تېخنىكىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشۇشى بىلەن، نەچچە يۈز شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىلى شىنجاڭدىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلاردا 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، ھارماي - تالماي ئىشلىدى؛ شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئۆتكۈر كۆز» «ئۇزۇن قۇلاق» بار بولۇپ، نېفىت قۇدۇقىدا كاشىلا كۆرۈلگەن ھامان، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يىراق مۇساپىلىك قوزغاتقىلى ۋە توختاتقىلى بولىدۇ.

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىدىن ھېسابلاش ئىقتىدارى ئېگىزلىكىگىچە، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدىن رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگىچە، بۇ، تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى، كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىش بولدى − شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بايلىقنىڭ قىممىتىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەرمەكتە، يېشىل بولۇش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي رېڭىنى سۈرەتلىمەكتە، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا.

يېڭى ئەندىزە: دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى بولغان شەرقىي جۇڭغار كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش تۇرۇبا يولى غول لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى سىستېمىسى بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» مەھكەم ئىگىلىنىپ، مەۋقە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلەتتى ھەم كۆمۈردىن ئېلىنغان گازنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇردى.

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى − غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، 2004 - يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 - لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا تۆت غول لىنىيە بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى مول تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈردىن ئېلىنغان گاز، شۇنداقلا ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گاز خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ، خۇابېيغا، ئەڭ يىراق بولغاندا شياڭگاڭغا يەتكۈزۈلدى ۋە مەملىكەت بويىچە 500 مىليونغا يېقىن خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل تېزلەتتى، نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنباسار بايلىقنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، 2024 - يىلى شىنجاڭ جىمىساردا مەملىكەت بويىچە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىلىق تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى؛ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىشنى تېزلىتىپ، تارىم ئويمانلىقىدا يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى، بۇ يىل 1 - ئايدا بۇرغىلاش تاماملانغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى دۇنيا ۋە ئاسىيادىكى بەش چوڭ قۇرۇلۇش رېكورتىنى يارىتىپ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭقۇر تىك قۇدۇق بولۇپ قالدى...

شىنجاڭدا مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىنىڭ %40.6ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلەتتى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى، 2024 - يىلى «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 140 مىليون توننىغا يەتتى. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئالغا سىلجىتىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى 2 - ئەۋلاد تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرى قومۇلغا ماكانلاشتى، 4 مىليون توننىدىن ئارتۇق ماي مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى؛ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ كود بەرگەن كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرىدىن ئۈچى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەدرىجىي ئەمەلىيلەشمەكتە.

ئېنېرگىيە بوشلۇقتا ماڭدى، توك پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈلدى. كۆمۈر، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدا «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدىن ئۈچى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ چىراغلىرىنى يورۇتتى.

2019 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈلگەن شەرقىي جۇڭغار − ۋەننەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولۇشتىن ئىبارەت تۆت تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، توك سىملىرى زىچ تورلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە ئەڭ تاشلىنىپ تۇرىدىغان تەڭداشسىز ئۈسكۈنە − 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى بولۇپ، ئۇنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ياسىغان.

تېخنىكىدىكى بوغما ھالەت قىيىن مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى ۋە ئىشلەپچىقاردى، مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان 500 كۈچلۈك ماشىنىسازلىق كارخانىسى ئىچىدە 75 - ئورۇندا، جۇڭگو ئېلېكتىر سانائىتى بويىچە 100 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۆت تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان شەرقىي جۇڭغار − ۋەننەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تىرانسفورموتور مېيىنى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. نۆۋەتتە قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىرانسفورموتور مېيى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تىرانسفورموتور مېيى دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئالدىن تاللاپ تەۋسىيە قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان ماي بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شەرقىي جۇڭغار − ۋەننەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگىچە، يەنە قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگىچە، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ زەنجىرى ئورتاق بەرپا قىلىندى، بۇ دەل شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىدە، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەم شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەم ئىچكى قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ خىل «مارجاندىن زەنجىر ھاسىل قىلىش» تەرەققىيات ئەندىزىسى يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى جانلىق ئۈلگىگە ئايلاندى.

يېڭى ئۈنۈم: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى يادرولۇق قۇرۇلۇش − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى «نەپىس بېزىلىۋاتاتتى»، قۇرۇلۇش خادىملىرى شىنجاڭدىكى قارلىق - مۇزلۇقلار، ئېگىز تاغلار، كۆللەر، قۇملۇقتىكى توغراقلار قاتارلىق مەنزىرىلەرنى تونېل ئىچىگە سىزىپ، تىيانشاننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە مەدەنىيەت سەپىرىگە ئايلاندۇردى.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىشقا كېتىدىغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى يەتتە سائەت ئۆپچۆرىسىدىن ئۈچ سائەتكە قىسقىراپ، كورلىنىڭ نەشپۈتى، خېجىڭنىڭ يېڭى كالا سۈتىنى يېرىم كۈندىلا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىققىلى بولىدىكەن.

بىر يول پەقەت زامان ۋە ماكاننى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭدا تۈزۈكرەك تاشيول يوق ئىدى، تۆمۈريول تېخىمۇ يوق ئىدى، 1958 - يىلىغا كەلگەندىلا، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىدا خۇڭليۇخېغىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ، شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن رېلىس داۋاملىق غەربكە ئۇزارتىلدى، 1962 - يىلى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئۈرۈمچىگىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ تۆمۈريول داۋاملىق تۈردە تىيانشاندىن ھالقىپ، چۆل - جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ، قۇملۇقلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىزلىكلەرگە يامىشىپ، تەدرىجىي تۇتاشتۇرۇلۇپ تورلاشتۇرۇلدى، 2014 - يىلىغا كەلگەندە لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلاندى، دوستلار چەمبىرىكىدە «ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە ئەتكەنچاي ئىچىپ، كەچتە لەنجوۋدا نيۇروۋميەن يەيمىز» دېگەن پاراڭ تارقالدى.

قاتناش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش»قا تۈرتكە بولدى. 2021 - يىلى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئاپتوموبىللىق بېرىشتىكى ئارىلىق 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقاردى؛ 2022 - يىلى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىپ، لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەندىن ئىبارەت بەش ناھىيەگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلدى.

چوڭ يوللار راۋانلاشسا، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تاشيول مۇساپىسى كۆپىيىپ 231 مىڭ 900 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە %90تىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرى»گە قەدەم قويدى؛ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى كۆپىيىپ 9202 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى، «پولات ئەجدىھا» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۇچقاندەك چاپتى؛ ئايرودۇرۇم سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، 28 ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇپ، 629 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، «شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

ئۇل ئەسلىھەلەر ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، يېتەكچىلىك رولغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىلا ئەمەس، يەنە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، خەۋەرلىشىش قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ نۇقتىلىق پىلانلىغان «ئون تور» قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى ئەلا بولغان، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى تېز شەكىللەندى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، سۇ راۋانلاشتى، ئېلېكتىر تورى، خەۋەرلىشىش تورى، تەبىئىي گاز تورى قاتارلىقلار تۇتاشتۇرۇلۇپ ھالقا شەكىللەندۈرۈلۈپ، زىچ تور ھاسىل قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇقىم تىرەك بولدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپايدى، چېھرىدە بارغانسېرى گۈزەل تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

بىپايان چۆل - جەزىرىلەردىن بوستانلىقلاردىكى مۇنبەت دالىلارغىچە، ئېنېرگىيە يولىدىن ھېسابلاش ئىقتىدارى تۈگۈنىگىچە، چېگرا رايوندىكى جايلاردىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق» جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىدا، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۈۋرۈكىنى تىكلىمەكتە. 70 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپە، 70 يىللىق زور ئۆزگىرىش. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتقاندا، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى ئىللىتقاندا، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قانات قېقىپ كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، رەقەم دولقۇنى ئۆركەشلىگەندە، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىغا يۇغۇرۇلۇشنىڭ ھەيۋەتلىك جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.