تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش | قاراماي شەھەرلىك مۇزېينى داكا قىلىش نېفىتچىلارنىڭ كۈرەش قىلىش يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قاراماي شەھەرلىك مۇزېيدىكى «يول ئاچقۇچىلار» ھەيكىلى ئالدىدا جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇغۇچىسىنى زىيارەت قىلماقتا.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «مەن بۇ يىل داشۆنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، كەلگۈسىدە شىنجاڭدا قېلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارغا توغرىلىنىپ، داۋاملىق دۆلەت ئۈچۈن نېفىت ئىزدەيمەن، نېفىت چارلايمەن»، دېدى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى قاراماي شەھەرلىك مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى بايلىق چارلاش قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شېن يۈەنكەي.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاراماي شەھەرلىك مۇزېيدىكى مايبۇلاق تېغى يەر ئاستى ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى قاراماي شەھەرلىك مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    شۇ كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر قاراماي شەھەرلىك مۇزېيغا كېلىپ، شىنجاڭ نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەم ئۇنىڭ خاس جەمئىيەت تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى، رايون مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلار ئېيتىپ ئۆتكەن ئىلگىرىكى كۈرەش ھېكايىلىرىنى سۈرەتكە ئالماقتا.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قاراماي نېفىتلىكى ئەسلىدىكى «8-مارت» ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ 88 ياشلىق جىداۋيۈەنى ۋۇ شۇخۇا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

    «ئۇ چاغلاردا ھەقىقەتەن سوغۇق ئىدى، بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتو كىيىۋالىدىغان بولۇپ، بېشىدىن پۇتىغىچە توڭ پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. ئاسماندا ئۇچىدىغانلار، يەردە يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى نېفىتقا ئېھتىياجلىق بولاتتى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ دەل دۆلەت ئۈچۈن! شۇنداقلا سىلەر بىر ئەۋلادنىڭ بەختى ئۈچۈن» دېدى قاراماي نېفىتلىكى ئەسلىدىكى «8-مارت» ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ 88 ياشلىق جىداۋيۈەنى ۋۇ شۇخۇا ئەتراپتىكى ياشلارغا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.