ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى) 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شى شىنشىڭ شەھىرى خۇڭشىڭ 2-مەيدانىغا كېلىپ، بىڭتۇەندىكى تۇنجى چۆكۈش شەكلىدىكى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇڭشىڭ 2-مەيدانى تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، قىزىل بايلىقنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى تۇنجى چۆكۈش شەكلىدىكى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرى، جياڭجۈن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گەمە خارابىسى خاتىرە باغچىسى، خۇڭشىڭ 2-مەيدانى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، كونا ئورگانلارنىڭ ئەسلىي ئورنى قاتارلىق نۇقتا، ئورۇنلاردا «تارقاق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ»، ئۈچ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى پىيادە مېڭىش جەريانىدا تارىخ بىلەن ئۇچرىشىپ، بىڭتۇەن روھىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گەمە خارابىسى خاتىرە باغچىسىدىكى ئارتىسلار «گەمىدىكى توي» ناملىق تىياتىرنى ئورۇندىماقتا.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خۇڭشىڭ 2-مەيدانى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى پېشقەدەم ئەسكەر ما فۇيۈەننى زىيارەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خۇڭشىڭ 2-مەيدانى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا زىيارەتتە بولدى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇڭشىڭ 2-مەيدانى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، خۇڭشىڭدا چاقنىغان كىچىك چۈشەندۈرگۈچى كۇەيبەن ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گەمە خارابىسى خاتىرە باغچىسىدىكى ئارتىسلار «گەمىدىكى توي» ناملىق تىياتىرنى ئورۇندىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






