تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «ئالقات تېرىغىنىمغا 40 نەچچە يىل بولدى، پەن-تېخنىكا سورتنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، سانائەتتە پىششىقلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى، ماشىنىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش تېز، ئۈنۈمى ياخشى، ئېتىز-ئېرىقنى بىمالال پەرۋىش قىلالايمىز.» 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ لېي مۇشۇنداق دېدى.
شۇ كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتى ئالقات يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، جىڭ ناھىيەسى چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئالقات كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەندىزىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە، شۇنداقلا ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاش، سودا بىر گەۋدە قىلىنغان ھازىرقى ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدى.
«شۇ جايدىكى تېخنىكلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى ئالقاتنىڭ يېڭى مېۋىسىنى ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە ساقلىغىلى بولاتتىكەن، ھازىرقى سوغۇق ساقلاش تېخنىكىسىدا <توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇپ> ئارقىلىق بىر ئاي ساقلىغىلى بولىدىكەن، بەلكىم بىزنىڭ چۇڭچىڭدىكى تاللا بازىرىمىزدا جىڭنىڭ يېڭى ئالقاتلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى چۇڭچىڭ گېزىتى رايون، ناھىيە ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن ئەن.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىكىلەر جىڭ ناھىيەسىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر جىڭ ناھىيەسى چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا تۈرلۈك ئالقات مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېنەن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كۇڭ خاۋ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سۈرەتكە تارتماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، شېنجېن ئالاھىدە رايونى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاۋ شىنمىن (ئوڭدىن 2-كىشى) بىلەن لەي لى (ئوڭدىن 1-كىشى) جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما ۋېنجۈننى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالقات پىششىقلىماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار مەھسۇلاتلارنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى






