شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى جىددىي ياسىلىۋاتقان بولۇپ، رېلىس شىنجاڭغا تېخى ياتقۇزۇلمىغانىدى، شىنجاڭ تەۋەسىدە بىر غېرىچمۇ تۆمۈريول يوق ئىدى. 1958-يىلى 10-ئايدا، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىدا خۇڭليۇخېغىچە رېلىس ياتقۇزۇلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 1962-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئۈرۈمچىگىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريولى تىيانشاندىن، چۆل-باياۋاندىن ھالقىپ، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىزلىككە يامىشىپ، ھەر تەرەپكە ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى ھەم لىنىيە ۋە تور ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا پويىزغا ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
رېلىس ئۇزارماقتا، پويىز تىپىدىمۇ ئۆزگىرىش بولماقتا. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات تومۇرى بىلەن ماس قەدەمدە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول پاراۋۇزىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پار پاراۋوزىدىن دۋىگاتېللىق پاراۋوز، ئېلېكتىروۋۇز، ئاندىن گاۋتيې ۋە ئوق پويىزغىچە بولغان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى.
بۇ مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم سىزنى ئۈچ نەپەر پويىز شوپۇرىنىڭ يېنىغا ئاپىرىدۇ، قېنى ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى پويىز ھەيدەش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۈۋېن گۇيشېڭ، كۆمۈر ئىسى پۇرقىراپ تۇرىدىغان پار پاراۋوزىدىن دۋىگاتېللىق پاراۋۇزنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغىچە، ئۇ تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ جاپالىق باشلىنىشتىن دۋىگاتېللىق پاراۋۇز دەۋرىگە قەدەم قويۇشقىچە بولغان جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى؛ سەي جۈن، ئۇ دۋىگاتېللىق پاراۋۇزنىڭ ئېلېكتىر پاراۋۇزغا، ئوق پويىزغا ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھچى بولۇپ، ماشىنا ئارقىلىق كونترول قىلىشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى؛ ۋاڭ خۇيفېڭ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «فۇشىڭ ناملىق» پويىزنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان دەۋردىكى «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ھېس قىلماقتا.
9557 كىلومېتىرلىق رېلىس تورى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پۇرقىراپ ئىس چىقىپ تۇرىدىغان پار پاراۋۇزىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان گاۋتېي، ئوق پويىزغىچە؛ مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تورىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەملىكەت بويىچە %50تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈشكىچە، چېگرا رايون ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى «يادرولۇق تۈگۈن»گە ئايلانماقتا.
2024-يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 50 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قەدىمىي يىپەك يولىدا ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ بۇنداق راۋان سەپەرگە چىقىشى بولۇپ باقمىغان. رېلىسنىڭ يۆنىلىشى تەرەققىياتنىڭ تومۇرى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى قۇچاقلاپ، گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى داغدام ئۇلۇغۋار يول.

پىلانلىغۇچىلار: ماۋ مىڭدۇڭ، لياڭ ۋېي، پېڭ ياۋجيا
رېژىسسورلار: جاڭ ئاۋ، شۆ خۇي
ئوپېراتورلار: لۈ يىخەن، شۆ خۇي
كىرىشتۈرگۈچى \ بېزەكچى: شۆ خۇي
ئېلان ئىشلىگۈچى: مياۋ رۇڭ
نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، لياڭ ۋېي، شۆ جىڭ، گې جيەن
جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پاراۋوز ئوچاستىكىسىدىكى دى پېڭ، سۈن شىخاۋغا رەھمەت ئېيتىمىز
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






