
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
قۇملۇق بىلەن بوستانلىق، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان بۇ تەبىئەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى ئۆزگەرتىپ يېزىلماقتا. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قەتئىي ئىرادە ۋە ئەقىل - پاراسەتكە تولغان بىر جۈپ قولى بىلەن قۇملۇقنى بىر سۇڭ بىر سۇڭدىن يېشىللاشتۇرۇپ، چۆللۈكنى بىر گەز بىر گەزدىن يېشىللىققا پۈركەپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان ئېكولوگىيە داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.
ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىغا كىرگەندە، قۇملۇق قىزىلگۈلى، شاپتۇل دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ، تۇتاش كەتكەن كارىدور ھاسىل قىلىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى بۇ يەر يەنىلا بىپايان قۇم بارخانلىرى ئىدى.
«بۇلتۇر مەن 70 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ قىزىلگۈل ئۆستۈردۈم، ھازىر ھەممىسى ئەي بولدى.» كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى ئېگىز دۆۋە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىبراھىم ئابدۇغېنىنىڭ تەلەپپۇزىدىن كەلگۈسىدە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىش چىقىپ تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە شۇ جايدىكى بارغانسېرى كۆپ ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ، بوستانلىق بەرپا قىلىپ، قۇم تىزگىنلەپ، بىپايان قۇملۇقتا يېشىل بېيىش يوللىرىنى ئاچتى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇملۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇپ، قۇم - بوراننىڭ زىيىنى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنىدى.
30 يىل ئىلگىرى، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى توغرا ئۆستەڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەتتۇرسۇن ئىمىننىيازنىڭ ئۆيى قۇملۇق گىرۋىكىدە بولۇپ، دېرىزىنى ئاچسىلا قۇم بارخانلىرىنى كۆرەلەيتتى، تېرىقچىلىق قىلغاندا بوران چىقىشتىن قورقاتتى، بىر قېتىملىق قۇم - بوران يېڭىلا ئۈنۈپ چىققان كېۋەز مايسىلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتەتتى.
2004 - يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى بىر قېتىملىق قۇم - بوران مەتتۇرسۇننىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە. ئۇ چىڭقى چۈش مەزگىلىدە ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماننىڭ قاراڭغۇلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى، سىرتتا شىددەتلىك بوران چىقىپ، قۇم دانچىلىرى ئىشىك - دېرىزىلەرگە ئۇرۇلۇپ تاراقشىغان ئاۋاز چىقاردى. بۇ قېتىملىق قۇم - بوران توپتوغرا ئۈچ كۈن داۋاملاشتى، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش ئارىلىقى ئون مېتىرغىمۇ يەتمەيتتى، بۇ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا غايەت زور تەسىر ئېلىپ كەلدى.
2009 - يىلى، شىنجاڭ مۇھىت قوغداش تارماقلىرى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ھەر يىلى قۇم - بوراننىڭ زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 3 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن، ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي زىياننى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن.
قۇم تىزگىنلەش ھاياتلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ قالدى.
چەرچەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە كۆلىمىنىڭ %38.4ىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭ بويىچە ھەتتا مەملىكەت بويىچە قۇم - بوراننىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى. 1998 - يىلى چەرچەن ناھىيەسىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتى قۇرۇلدى.
2005 - يىلى 1 - ئايدا، 23 ياشلىق پاتىگۈل ياسىن چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، شۇ جايدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ بىر گۈرجەك، بىر ئورغاق، بىر بۇردا نان، بىر چەينەك سۇ بىلەن كۈنىگە 30 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، قومۇش ئورۇپ، ئوت - چۆپ كاتەكچىسى تىكىپ، كۆچەت تىكىپ، چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قۇملۇق گىرۋىكىدە بىر ئىشلىگەنچە 20 يىل ئىشلىدى. ئۇ ئۆز قولى بىلەن نەچچە ئون مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، يېشىللىقنى ئاستا - ئاستا يىلتىز تارتقۇزۇپ كېڭەيتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قۇملۇق گىرۋىكىدە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 7.5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېكولوگىيە كارىدورى بەرپا قىلىنىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قېلىندى.
ئاقسۇ كۆكيار ئىلگىرى «ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە سېرىق قۇم ئاسماننى قاپلايدىغان» گىياھ ئۈنمەيدىغان جاي ئىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يىلمۇيىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاي بۈك - باراقسان ئورمانلىققا ئايلاندى − ئېكولوگىيە ئورمىنى بىلەن ئىقتىسادىي ئورمان يۇغۇرۇلغان «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» بىردىنلا قەد كۆتۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن پۇقرانىڭ بېيىش ئۈمىدىگە تىرەك بولدى.
«كىچىك ۋاقتىمدا كۆكيارنىڭ باھاردىكى قۇم - بورىنىدىن ئەڭ قورقاتتىم. ھازىر، مەن بۇ جايدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتىم، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى لى خۇڭرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
ھازىرغىچە، كۆكياردا ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئېشىپ، دۇنيادىكى چۆللىشىشنى تۈزەشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىدا تۇتاشتۇرۇش تاماملىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىرلىق يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىندى. سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تەسۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى ئىكەن.
بۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكىسى شىنجاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرغانلىقى ئىدى. 1978 - يىلى دۆلەت «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىلىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 1978 - يىلىدىكى %1.03تىن 2024 - يىلىدىكى %5.06كە ئۆستى. ئۆتكەن 30 يىلدا، سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كۆپەيدى. 6 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىپ»، مەملىكەت بويىچە قۇملىشىپ كەتكەن يېرى كېڭەيگەن بىردىنبىر ئۆلكە بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جەڭگىۋارلىق بىلەن ئادەم بىلەن قۇملۇق ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ھەم قۇدرەتلىك شىنجاڭ كۈچىنى قوشماقتا.






