70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىدە شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، گېنېراتورلار كۆلىمى، توك چىقىرىش مىقدارى، توك مەنبەسى قۇرۇلمىسى قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.
«10-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 540 مىڭ كىلوۋاتقا، توك چىقىرىش مىقدارى 31 مىليارد 30 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 220 كىلوۋولتنى غول تور رامكىسى قىلغان، 110 كىلوۋولت پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 226 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.
يىرىك پىلان بويىچە، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش لىنىيە»دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى كۈچلۈك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.







